ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاشىنگتوندىكى پىتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىشقەدەم تەتقىقاتچىسى نىكولاس لارسون بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىىسدە، خىتاي ھازىر ئامالسىز قالماقتا، گەرچە خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادنى قوزغىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاساسى قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش قىزغىن بولۇۋاتسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئىجتىمائىي كاپالەت تىكلەشكە تىرىشىۋاتسىمۇ، ئەمما بۇ، يەنىلا خىتاي ئىقتىسادىنى تېز ئۆرلىتىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولالمايدۇ، ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ ئۆزگىرىشى ھېچقاچان ئاستىلاپ قالغىنى يوق دەپ قارايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى قايتىدىن قوزغىتىشقا قابىلىيىتى يەتمەيدۇ
خىتايدا ئاقىللار گۇرۇپپىسى دەپ قارىلىدىغان دۆلەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى فەن جەنپىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بار، ئەمما ئىقتىسادنى قايتىدىن قوزغىتىشقا قابىلىيىتى يەتمەيدۇ.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىقتىسادنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشى --- خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە ئىچكى سەرپىياتنىڭ مۇقىملىقىدىن ئىبارەت ھەرىكەتلەندۈتگۈچ كۈچكە باغلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھازىر ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج.
ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا ئۆزىنىڭ كونسۇلخانىلىرىنى كېڭەيتىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا - خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئورتاق رەئىسى كېرك يېقىندا، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى 21 - ئەسردىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۇيىچە ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋەت، دەپ جاكارلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستان مەسىلىسىدە يەنە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ ۋە خىتايدا ئۆزىنىڭ كونسۇلخانىلىرىنى كېڭەيتىدۇ.
'دېڭ يۈجاۋ دېلوسى' ھەققىدە چىقىرىلغان ھۆكۈم خىتايدا تىنچ ئۆزگىرىش تېزلەۋاتقانلىقىنىڭ مېسالى
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 2003 - يىلىدىن كېيىن، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ پۇقرالىق ئېڭىغا بولغان تونۇشى ناھايىتى تېز ئۆستى. ئىنتېرنېت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى.
بۇنىڭغا قارىتا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ. بەلكى خىتاينىڭ تىنچ ئۆزگىرىشى تېزلەۋاتىدۇ. خىتايدىكى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى پېڭ دىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۈگۈن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ بادۇڭ ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىدە دېڭ يۈجاۋ دېلوسى ھەققىدە چىقىرىلغان ھۆكۈم خىتايدا تىنچ ئۆزگىرىش تېزلەۋاتقانلىقنىڭ مېسالى.
خەۋەدە ئېيتىلىشىچە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ بادۇڭ ناھىيىسى يېسەنگۇەن بازىرى سودا سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى دېڭ گۇيدا بىلەن مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ جىژدﯤ 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 'پاراغەت شەھىرى' دەپ ئاتىلىدىغان بىر قاۋاقخانىغا كىرىپ، شۇ جايدا ئىشلەپ جان بېقىۋاتقان دېڭ يۈجاۋ ئىسىملىك 21 ياشلىق بىر قىزنى 'پەۋقۇلئاددە مۇلازىمەت' كە مەجبۇرلىغان. ئۇ قىز ھاقارەتكە چىدىماي، بۇ ئىككى كوممۇنىست ئەمەلدارىغا پىچاق تىققان. ئۇنىڭ بىرى ئۆلگەن. ساقچىلار ئۇ قىزنى 'قاتىل' دەپ قولغا ئالغان. بۇ ناھىيىدىكى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكلاتىنىڭ بۇ قىز ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە، بۈگۈن بۇ ناھىيىنىڭ سوت مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا پىچاق تىققان بۇ قىزنى 'گۇناھسىز' دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ قويۇپ بەردى ۋە كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنى 'گۇناھكار' دەپ ئاتىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزگەرتىشكە ھەسسە قوشمىغان ئادەم، ئادەم ئەمەس
1957 - يىلى 'ئوڭچى' دەپ قالپاق كەيگۈزۈلۈپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى بىڭتۇەنگە پالانغان مەشھۇر شائىر ئەي چىڭنىڭ ئوغلى ئەي ۋېيۋېي 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى دۆلەت پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ تىنچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئاساسىي قانۇن كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، خەلق سايلام بېلىتى دېگەننى بىلمەيدۇ؛ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئەركىن ئەمەس، خەلقنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى يوق، كۆچۈش ئەركىنلىكى يوق؛ خىتايدا پۈتۈن خەلققە قارىتىلغان مەجبۇرىي مائارىپ يوق، داۋلىنىش سۇغۇرتىسى يوق؛ خىتايدا سوت مەھكىمىلىرى بىتەرەپ ئەمەس، ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىدىغان تەشكىلات يوق، مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يوق، ھەربىي قىسىم دۆلەتنىڭ ئەمەس.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلق ھازىر مەكتەپلەردە ئۆز ئارزۇيى بۇيىچە بىلىم ئالالمايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ گېزىتىنى ئوقۇسا ئالدىنىپ قالىدۇ، ئىنتېرنېتكە كىرسە نازارەتكە ئېلىنىدۇ. خىتايدا خەلقنىڭ يەر - زېمنلىرى خالىغانچە تارتىۋېلىنىدۇ، ئۆيلىرى چېقىۋىتىلىدۇ، كاندا ئىشلىسە كۆمۈلۈپ قالىدۇ، ياش قىزلار خارلىنىدۇ، خەلق ئىشسىز قېلىپ ئۆلسە ھۆكۈمەتنىڭ كارى يوق، ئاگاھ بولمىسا، ھەتتا سۈت ئىچسىمۇ زەھەرلىنىپ قالىدۇ.
بۇنداق بالا - قازادىن ساق قالغان خەلقنى ساقچى، ئامانلىقىنى ساقلاش، بازار باشقۇرۇش، روھىي كېسەللىكلەر دوختورخانىلىرى دېگەنلەر جازالايدۇ. قارشىلىق ئىپادىلەپ نامايىش قىلسا 'جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر' دەپ جازالايدۇ، ئادالەت تەلەپ قىلسىمۇ 'جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر' دەپ گۇناھ ئارتىدۇ. ئەي ۋېيۋېي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەمدى خەلق ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئۆزگە يول قالمىدى، شۇنداق دېيىش كېرەككى، بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا 'جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر' بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزگەرتىشكە ھەسسە قوشمىغان ئادەم، ئادەم ئەمەس.