مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا، ئۇيغۈرشۇناس دوكتۇر گاردنېر بوۋىڭتون 5 - ئىيۇلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى .
دوكتۇر گاردنېر بوۋىڭتون يەنە، خىتاينىڭ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن ئۈچ ئاي كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى قامال قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
يىغىندا، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتى پروفېسسورى دونالد س كلارك، تاشقى مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات جەمئىيىتى ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ دىرېكتورى ئېلىزابىت س ئېكونومي، دىئالوگ يەنى ( دۈيخۇا) فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جون كەم ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى گاردنېر بوۋىڭتون قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەردى.
يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى برايىن دورگان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا مەزكۇر كومىتېت ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرستوفېر سىمىت، ئاۋام پالاتا ئەزاسى بۇروسسو ۋە خوندا ئەپەندىلەر قاتناشتى.
يىغىندا سۆزلىگەن مۇتەخەسسىسلەر، خىتايدا ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ كونترول قىلىنىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، خىتايدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق يولۇقىدىغان يېڭى سىناقلار ھەققىدە توختالدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى خادىملىرى خىتاينىڭ دۆلەت، ئېكولوگىيە ۋە مىللىي سىياسەتلىرى ھەمدە قانۇن - ئەدلىيە سىستېمىسى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى پۇقرالار ھوقۇقى، سودا قانۇنى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قوغداش جەھەتتە يولغا قويغان تەدبىرلىرى، مىللىي ئىشلار سىياسىتى ۋە خىتايدا كىشىلەرنىڭ سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنىشى قاتارلىق ئەھۋالى قاتارلىق تەرەپلەردىكى سوئاللارنى سوراشتى.
مۇتەخەسسىسلەر يىغىن ئاخىرىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەرەپلەردە خىتايغا قارىتا قانداق سىياسەت بەلگىلىشى ۋە كەلگۈسىدە بۇ جەھەتلەردە قانداق قەدەملەرنى ئېلىشى لازىملىقى توغرىسىدا تەكلىپلەرنى بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
