ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرىدىن Frank Wolf بىلەن Christopher Smith ئالدىنقى ھەپتە خىتاي زىيارەت قىلغان چېغىدا، مەزكۇر ئارخىپنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى Li jing xing غا سۇنغان ۋە مەھبۇسلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇلار ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
شۇنداقلا، مەزكۇر كومىسيوندىكى پالاتا ئەزالىرىدىن Byron Dorgan ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت مەجلىسىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىپ مېڭىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى: "ئامېرىكا خىتاينى ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە قىستىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنى راس گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالاشنى توختىتىشى كېرەك. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىكى بەزى يۈزلىنىشلەر ئامېرىكىنى ئۈمىدلەندۈرسىمۇ، يەنە بەزى ئەھۋاللار ئەندىشىلەندۈرىدۇ. بىز خىتاي ۋەزىيىتىنى تولۇق بىلىپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. يەنە پالاتا ئەزالىرىدىن Christopher Smith شۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي سىياسىي مەھبۇسلار ئارىسىدىكى مېيىپ ئادۋوكات Chen guangcheng ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: چېن گۇاڭچېڭ راست گەپ قىلىپ مۇشۇنچىلىك بەدەل تۆلەۋاتقان ئىكەن، بىز تېخىمۇ جىددىي ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك، بۇ ئىنسانلارغا ئۆزىمىزنىڭ سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىشىمىز، زالىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاخىرى جازاسىز قالمايدىغانلىقىنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك."
ئامېرىكا ئېلان قىلغان بۇ قېتىمقى سىياسىي مەھبۇسلار ئارخىپىدا ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلاردىن ئابدۇغېنى ئىمىن، ئابدۇخېلىل زۇنۇن، ئوبۇلقاسىم ئابلىز، مۇسا ھۈسەن، شىرمەمەت ئابدۇرىشىت، ئەكرەم قۇربانتاي، ئەزىمەت سادىر، ئەخمەت جامال، ئابلىز مەمەت ۋە ئابلىك ھوشۇر قاتارلىق 40تىن ئارتۇق مەھبۇس ھەققىدە مەلۇمات خاتىرىلەنگەن. ئارخىپتا يەنە، خىتاي 1992 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئاپتوۋۇز پارتلاش ۋەقەسى سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدرىسخان ئۆمەر ۋە ھېمىت تالىپ قاتارلىق ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ سەپدىشى كېرەم ئابدۇۋېلى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يېزىلغان، ئۇنىڭ 1993 - يىلى 12 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە 2002 - يىلى مۇددىتىنىڭ يەنە 3 يىل ئۇزارتىلغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىسلام ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسى نامىدا تەشكىلات قۇرغىنى ئۈچۈن جازالانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئارخىپتا ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتسىز سوتلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئارخىپتا يەنە كېرەم ئابدۇۋېلىنىڭ بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى، ئەمما ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇچۇر ئالالمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئارخىپتا يەنە، يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى ئوبۇلقاسىم ئابلىز، ئابدۇغېنى ئېمىن قاتارلىق ياشلارنىڭ 1999 - يىلى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت قوروسىغا شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى قادىغانلىقى ئۈچۈن، 15 يىل كېسىلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. ئارخىپتا يەنە، ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدىكى مۇتەللىپ مۇھەممەت، ياسىن ئابلا، ئومەر ئاقچى، ئابلەت ئابلىمىت قاتارلىق ياشلارنىڭ ئاللاھ پارتىيىسى نامىدا تەشكىلات قۇرغانلىقى ۋە خوتەندە يىغىن ئاچقانلىقى ئۈچۈن دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن كېسىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭمۇ سوتلىنىش جەريانىنىڭ قانۇنىي تەرتىپكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھازىر تۇرپاندا تۈرمىدە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئارخىپتا يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىم؛ تارىخچى توختى تۇنىياز، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋە نېفىت بۇلاقلىرىنىڭ تراگېدىيىسى ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئابدۇللا جامال ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىسيونى 2000 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كومىتېت شۇ يىلدىن ئېتىبارەن خىتايدىكى سىياسىي تۇتقۇنلار ھەققىدە مەلۇمات توپلاپ ئارخىپ تۇرغۇزغان. ئارخىپتىكى مەلۇماتلار مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن باشقا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن توپلانغان.