خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ، مەجبۇرىي ھالدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، خىتايدىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئەر - ئاياللارنىڭ تۈرلۈك جىنسى كېسەللەر ھەم تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، بوۋاقلارنىڭ مېيىپ تۇغۇلۇشى ياكى بالدۇر تۇغۇلۇشى قاتارلىقلار خىتايدىكى ئېغىر ئىجتىمائى مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.
بۇ يىل 8 - ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان "2009 - يىللىق خەلقئارا تۇغماسلىق كېسەللىكلىرى مۇھاكىمە يىغىنى"دا، ئېلان قىلىنغان "2009 - يىللىق خىتاي نوپۇسىنىڭ تۇغۇت دوكلادى"دا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى تۇغۇت يېشىدىكى 40 مىليون جۈپ ئەر - ئايالدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈلگەندە بۇلارنىڭ 12.5% تىنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقى ياكى تۇغماس ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، ختايدىكى ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسى بۇندىن 40 يىل ئىلگىرىكى ھەر مىللىلېتىردا بىر مىليارد ئىسپېرما بولۇشتىن ھەر مىللىلېتىردا 20 مىليوندىن 40 مىليونغىچە ئىسپېرما بولۇشتەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇغماسلىق كېسىلىنى داۋالىتىشنى قوبۇل قىلغان 18 مىڭ نەپەر ئەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان داۋالاش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ 10%نىڭ تۇغۇش ئىقتىدارى بىر يىلدىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەن، 15% پىرسەنتىنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارى 2 يىلدىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەن، 25%نىڭ 10 يىلدىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەن.
ئاياللارنىڭ تۇغماسلىق ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، تۇغۇتنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئاياللارنىڭ 66% پىرسەنتى تۇغۇش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەبلىقى بىلەن قۇرۇلغان جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى شىياڭيا دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغماسلىقنى داۋالاش مەركىزىدە، ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان ئەر - ئاياللار نۆۋەت ساقلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇغۇش ھۈجەيرىلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى جاڭ لۇگۋاڭ ئەپەندىنىڭ خوڭكۇڭدا ئېنگلىز تىلىدا چىقىدىغان "جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى" مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئادەتتە ئوچىرەتتە تۇرغۇچىلار ئەڭ ئاز دېگەندە بىر يىل نۆۋەت ساقلايدىكەن، ئەمما داۋالانغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ناھايىتى ئاستا ئىكەن.
5 - ئۆكتەبىر كۈنى "ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى" دە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سەھىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان 2009 - يىللىق بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلادى خەۋەر قىلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل تەخمىنەن 12 مىليون 900 مىڭ بوۋاق ئۆز ۋاقتى قەرەلىدىن بالدۇر تۇغۇلغان بولۇپ، بۇلار بۇ يىل دۇنيا بويىچە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ 9.6%نى ئىگىلەيدىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەي بولۇش نىسپىتى تۆۋەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 4 مىليون بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەخمىنەن 28% دە ھەر خىل كىسەللىك ئالامەتلىرى بايقالغان. دوكلاتتا يەنە ئۆز ۋاقتى قەرەلىدىن بۇرۇن ھەم مېيىپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆپچىلىكى خىتاي ھەم ئافرىقا ئەللىرىدە دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئىستراتېگىيە ۋە خەلقارا تەتقىقات مەركىزى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، يېقىنقى 30 يىلدا خىتاي نوپۇسىنىڭ دېموگرافىك قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى، ياشانغانلار بىلەن ئۆسمۈرلەر نوپۇسىنىڭ نىسبىتى ئۆزگىرىپ، 1975 - يىلى 14 ياشنىڭ تۆۋىنىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 366 مىليون، 60 ياشنىڭ ئۈستىدىكى ياشانغانلارنىڭ سانى 64 مىليون بولغان بولسا، 2005 - يىلى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇمى سانى 284 مىليونغا تۆۋەنلىگەنلىكىنى، لېكىن قېرىلارنىڭ سانى 144 مىليونغا چىققانلىقىنى تەكىتلىگەن.
9 - ئۆكتەبىر كۈنى بوشۈن تور بېتى، "ئاسىيا خەۋەرلىرى" گېزىتىنىڭ "خىتاي ئېغىر ھالدىكى تۇغماسلىق تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى" سەرلەۋھەلىك ماقالىسىنى كۆچۈرۈپ باسقان. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىلىرىنىڭ ئەر - ئاياللارغا قارىتا مەجبۇرىي ھالدا ئېلىپ بارغان تۇغۇت چەكلەش ئوپىراتسىيىسى نەتىجىسىدە، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىشلا ئەمەس، بەلكى نورمال جىنسى ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغانلىقى، ھەتتا ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قالغانلىقى؛ تۇغۇلۇش ئالدىدىكى 8 ئايلىق بوۋاقلارنىڭمۇ پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا قوساق ئىچىدىلا ئۆلتۈرۈلۈپ، ئانىنىڭ بۇ جەرياندا مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قالغانلىقى ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى قاتارلىقلار بايان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى"ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى بولغان كىشىلىك ھوقۇقىغىمۇ كاپالەتلىك قىلمىغان قەبىھ سىياسەت،" دەپ تەنقىدلىگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن 2008 - يىللىق پىلانلىق تۇغۇت ھەققىددكى يىغىندا بەرگەن دوكلادىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 20 يىل ئىچىدە، 1 مىليون 200 مىڭ بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقىنى دېگەن ئىدى.
مەزكۇر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، 2008 - يىلى ئاپتونوم رايون بۇيىچە " پىلانلىق تۇغۇت " خىزمىتىگە ئاجرىتىلغان ئومۇمى مەبلەغ 380 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىن بۇيان " پىلانلىق تۇغۇت " خىزمىتىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىلغان بىر يىل بولغان، بۇ پۇللارنىڭ ئاساسلىقى پىلانلىق تۇغۇت پونكىتلىرىغا، پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى ئۈچۈن بېرىلگەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، 2009 - يىلى ئىچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنى 21 مىليون 850 مىڭ نەپەر ئىچىدە تىزگىنلەش، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى 11 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئەر - ئاياللىرىغا نىسبەتەن، مەجبۇرىي يوسۇندىكى پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئەر - ئاياللىرى ئارىسىدا تۇغماسلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە ھەم روھىيىتىگە ئېغىر تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.