'نۇرغۇن خىتاي ئاھالىلەر ئۇيغۇر رايونىدىن مەڭگۈلۈككە كۆچۈپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ'

كانادادىن چىقىدىغان يەرشارى پوچتىسى تورىنىڭ 1- نويابىردىكى سانىدا، "ۋەقە بولۇپ 4 ئايدىن كېيىنمۇ ئۈرۈمچىنىڭ ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقىسى ئەسلىگە قايتمىدى" ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

ماقالىنى مارك ماككىننون يازغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدا، ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. تۆۋەندە سىلەرگە مۇخبىرىمىز ئىرادە بۇ ماقالىنىڭ تەپسىلاتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.

يەرشارى پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئىنتايىن جانلىق مىساللار بىلەن ئىپادىلەپ بېرىلگەن. ماقالىنىڭ ئاپتورى مارك ماككىننون ئۇ ماقالىسىدە ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار بىلەن زىيارەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ ئۇ ماقالىسىنى "ئۇيغۇرلار ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ قاچان ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەرنىڭ يوقلۇقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى"، دەپ باشلايدۇ ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ:

-- ئۈرۈمچىدە ئىيۇل ئېيىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ناھايىتى رادىكال بىر قارار ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىنتېرنېت، قىسقا ئۇچۇر يوللاش ۋە خەلقئارالىق تېلېفون لىنىيىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى. گەرچە ۋەقە بولۇپ ئارىدىن 4 ئاي ئۆتكەن ۋە خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ ئەسلى تېنچ ھالىتىگە قايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ياشايدىغان بۇ رايوننىڭ پۈتۈن دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلدى.

ئاپتور ماقالىسىدا مەركىزى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تېخى يېقىندىلا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىغىمۇ يەر بەرگەن بولۇپ، دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:

-- بىز ھەرگىز خىتاينىڭ "ھەممە ئىش نورمالغا قايتتى" دېگەن ئويۇنىغا ئالدانماسلىقىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئىنتېرنېتكە چىقالمايدۇ، قىسقا ئۇچۇر يازالمايدۇ ھەتتا تېلېفونمۇ ئۇرالمايدۇ.

-- خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن "تېررورچىلار ئىنتېرنېت ۋە قىسقا ئۇچۇردىن پايدىلانغان" دەپ كۆرسەتكەن باھانىسىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. پاكىستان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىنتېرنېتنى تېررورچىلار ئىشلىتىۋالىدۇ دەپ توساپ باقتىمۇ؟ ياق. خىتاي دائىرىلىرى بۇ يەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي يۈزىگە ئائىت كۆپلەپ ئۇچۇرنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ.

ماقالىنىڭ ئاپتورى مارك ماككىننون چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ يازىدۇ :

-- ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بېرى قاتتىق بېسىملارغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خىل ئەھۋاللار ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ئىش بوپكەتكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ خىزمەت پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىرتىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتالمايۋاتقانلىقىغىمۇ بەك ھەيران قالمايدۇ.

-- مەن تېلېفون ئارقىلىق پولات ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىم. ئۇ بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن بىر خەلق ناخشىچىسى. ئۇ ماڭا": ئىنتېرنېتنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى مېنىڭ باشقا مۇزىكانتلار بىلەن خىزمەت ئالماشتۇرۇشۇمغا ۋە بانكا ھېسابات ئىشلىرىمغا قېيىنچىلىق ئەپكەلدى. مەن بۇرۇن داۋاملىق ھالدا ئىنتېرنېتنى ئىشلىتەتتىم. مېنىڭ بەزى دوستلىرىم تېخى ئىنتېرنېت ئارقىلىق سودا قىلاتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ دەردى مەندىنمۇ جىق " دەپ سۆزلەپ بەردى.

-- خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن كۆرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ۋەقەنى كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما رايوندىكى بۇ ئۆچمەنلىك ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولۇشتىن ئاللىبۇرۇن پەيدا بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆپلەپ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈشى ۋە ھەر قانداق خىزمەتنى ئالدى بىلەن ئۇلارغا بېرىپ ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيتىۋاتقان ئىدى.

-- ئەسلىدە بۇ رايوندا تارىخى ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتىشىدىغان ۋە تۈركىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلاتتى، ئەمما خىتايلار ھازىر بۇ يەردىكى نوپۇسىنىڭ 40 پرسەنتتىنمۇ ئارتۇقىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى پايتەخت ئۈرۈمچىگە يەرلەشكەن.

-- چەتئەللەردىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى كېلىشتىن ئاۋالقى 1940 - يىللاردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ھېلىھەم نۇرغۇن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ كوچىلارنى چارلاۋاتقانلىقىنى ئېيىتپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

-- يېقىندىن بېرى گەرچە ھېچقانداق زوراۋانلىق ھەرىكىتى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مىڭلىغان ساقچى ۋە ھەربىيلەرنىڭ يەنىلا ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ۋە باشقا شەھەرلەردە ئارىلاپ يۈرۈشى ئۇيغۇرلارغا ئىشغال ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرماقتا.

-- ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ ۋە بۇ خىل ئالاھىدە خەۋپسزلىك تەدبىرلىرىنى ۋەزىيەت ئۈچۈن كېرەكلىك دەپ قارايدۇ. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى تېخى ھازىرغىچە ئالاقە - ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ قاچان ئەسلىگە قايتىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر خەۋەرنىڭ يوقلۇقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنمەكتە.

-- ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىق جوش ساممېرسنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، ھازىر بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتنىڭ ئاغزىدىن ئېنىق بىر گەپ يوق، ئېقىپ يۈرۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى كوچا پاراڭلىرى ئىكەن. ئۇ بىر قېتىم شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خادىملىرى بىلەن تاماقتا بىللە بوپقالغاندا، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋىرىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان.

-- ھازىر ھەممە كىشى، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنى ئۈزۈۋېتىشىنى توغرا چۈشىنىمىز دېگۈچىلەر چېغىدا، ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشىنىڭ يېنىدا ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەت ۋە تۇرۇپ - تۇرۇپ يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ بارا - بارا ياشاش مۇمكىن بولمايدىغان بىر يەرگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلماقتا.

مۇخبىر ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بىر خىتاي قىزنىمۇ زىيارەت قىلغان بولۇپ، مۇخبىر ماقالىسىنى ئۇ خىتاي قىزنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن ئاياقلاشتۇرىدۇ:

-- 26 ياشلىق جاڭ فامىلىلىك بۇ خىتاي قىز ماڭا مۇنداق دەپ بەردى: "ئۈرۈمچى ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن بىخەتەر. ئەمما مەن يەنىلا ئاخشىمى ئىشتىن كېيىن تالاغا چىقمايمەن. نۇرغۇن خىتاي ئاھالىلەر بۇ رايوندىن مەڭگۈلۈككە كۆچۈپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

-- يېقىندىن بېرى بۇ يەردە تاۋار ئۆي ئېلانلىرى ئىنتايىن كۆپ بوپ كەتتى. شەرقى جۇڭگودىكى چىڭداۋ ۋە يەنتەيگە ئوخشاش دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان شەھەرلەردىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئېلانلىرى بەك كۆپ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە بۇ شەھەرلەرگە بېرىپ تاۋار ئۆيلەرنى كۆرۈپ كەلدى....

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، سىلەر يۇقىرىدا يەرشارى پوچتىسى تورىدا ئېلان قىلىنغان " ۋەقە بولۇپ 4 ئايدىن كېيىنمۇ ئۈرۈمچىنىڭ ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقىسى ئەسلىگە قايتمىدى" ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ مەزمۇنى بىلەن تونۇشتۇڭلار.