بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ئىلىدە مۇقىملىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ھازىرقى سىياسەت بىلەن ھىچقاچان ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانغا ئوخشاش ياشاش ئىمتىيازلىرىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن "مۇقىملىق"تىن سۆز ئېچىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە بۇ ھەقتە سىلەرگە مەلۇمات بېرىدۇ.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى، 2 - فېۋرال كۈنى "ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىسى" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ماقالىدە ئۈرۈمچى"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نى چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغاش، جەمئىيەتتە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان جىنايى ھەرىكىتى دەپ ئاتاپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامى" نى 1 - فېۋرالدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
"نىزام" دا "ئۈچ خىل كۈچ" كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن پۇختا مۇداپىئەلىنىش گەۋدىلەندۈرگەن ۋە " يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار بۆلگۈنچىلىك - بۇزغۇنچىلىق ۋە زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائى مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي خەۋپنىڭ چېگرا - ئىچى، سىرتىدىكى "ئۈچ خىل كۈچ " ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى " دېيىلگەن. بۇ نىزامدا، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى "ئۈچ خىل كۈچ " قاتارلىق دۆلەت خەۋپسىىزلىكىگە خەتەر يەتكۈزىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭدىن پۇختا مۇداپىئەلىنىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۈرۈمچى"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى "جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى" ۋە "ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق نىزامنامىسى" دېگەنگە ئوخشاش بىر قانچە نىزامنامىلەرنى تۈزۈپ، نىزامنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش، بۇنىڭ ئەكسىچە جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن ۋە ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئىنقىلابىي قۇربان سالاھىيىتى بېرىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ نەپىقە بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى "ئۈچ خىل كۈچ" لەرنىڭ، ئۇرۇش، چىقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسى دەپ جاكارلاپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالدى ۋە ئاز دېگەندە 30 غا يېقىن ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى، شۇنىڭدەك يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك ھەر خىل نىزامنامىلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، خىتاي سىياسىتىگە نارازلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى ئۈزلۈكسىز جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تىنچلىق يولىدا ئېلىپ بېرىلغان، لېكىن قورال بىلەن باستۇرۇلغان خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى دېيىشمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنتېرنېت، تېلېفۇن ۋە ئۇچۇر ئالاقىسى ئېلىپ بېرىشىغىمۇ چەكلىمە قويغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە قولغا ئالغان ئادەم سانى ئۆزلىرى ئېلان قىلغان ساندىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 1000 دىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانىنى ئاران 194 دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
بوشۇن خەۋەرلەر تورى 30 - يانۋار كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، ۋەقەدە ئۆلگەن خىتايلار سانىنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سانغا ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىراق، 5 - ئىيۇل كۈنىنىڭ ئۆزىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى سانىنىڭ 1500 دىن ئاشىدىغانلىقىنى، جەسەتلەرنى دەرھال مەخپى جايغا يۆتكەپ ئاپىرىپ كۆيدۈرۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى.
كۆپلىگەن ۋەقە شاھىدلىرىنىڭ، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ باشقا ئەللەرگە كەلگەندە رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا 5" - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، يوقاپ كەتكەن ۋە تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە مىڭ ھەسسە ئارتۇق ئىكەن. رادىئوغىز يەنە ۋەقە شاھىتلىرىدىن بولغان ئاتاقلىق ناخشىچى مىرزات ئالىمنىڭ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكگە دائىر ئىنكاسلارنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.