ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە بولغان بېسىمىنى يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ۋەتەن ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىدا، ئاپتونۇمىيە قانۇنلىرىدا بېكىتىلگەن ھوقۇقلاردىن پايدىلىنىپ، نامايىش قىلىش، سۆزلەش، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىدىنمۇ بەھرىمەن بولۇش ئىمتىيازلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قانۇن - نىزامناملىرى بويىچە ئېلىپ بارغان ئەڭ كىچىك ھەرىكەتلىرىمۇ، ئۆچ ئېلىش ۋە قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك ھەر خىل شەكىلدە باستۇرۇلۇپ كەلگەن.
ئۇيغۇر تەشكىلاتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن بولسا، ھەر خىل شەكىلدىكى تەھدىت، ھەر خىل شەكىلدىكى سۈيىقەست شۇنىڭدەك دىپلوماتىيە ئۇسۇللىرىنى ئىشقا سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خەلقئارا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى تېررورچىلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسىتىپ، ئۆز مەقسەت - مۇددىئاسىغا ئېرىشمەكچى بولغانلىقىنى، ئەمما بۇ جەھەتتە ھېچبىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇيغۇر تەشكىلاتچىلىرى يەنە، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى يېقىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك، ئىقتىسادى كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىش، دۇنيادىكى نوپۇزىنى ئىشقا سېلىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنى ئىشقا سېلىش تاكتىكىلىرىنى قوللانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر قايسى دۆلەتلەردە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى ياكى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى سىياسىي پائالىيەت ھەتتا مەدەنيەت پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتناشتۇرماسلىق، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيىدە سىياسىي پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا،گېرمانىيىدە تۇرۇش روخسىتى بېرىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىدىن پاسپورت ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇ خىل مەجبۇرىيەت ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلارغا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى ئوچۇق ھالدا ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسوسلۇق قىلىش تەلىپىنى قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلەتكەن بۇ خىل تاكتىكىلىرى ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى ئاجىزلىتالمىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىش، ئۇلار ئارقىلىق ئاز بىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش مەقسىتىگە يەتكەن بولسىمۇ، خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مىللى سىياسىي داۋاسىنىڭ ئاساسى ھۇلىغا زەررىچىلىك تەسىرىنى كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. بولۇپمۇ گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەيلى سىياسى ياكى مەدەنيەت پائالىيەتلىرىگە، خىتاي ھاكىميىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى بايقۇت قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان ئەھۋاللارنىڭ كانادادىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇقىيە خانىم سۆزىدە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ھىلە - مىكىر ۋە چارىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ چوڭ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، يەنىلا ھەق - ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە ئاجىزلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. رۇقىيە خانىم ۋەتەن سىرتىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەشەببۈس قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش جاسارىتىگە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
25 - ئىيۇن كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا، شىۋىتسىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي دىپلوماتىنىڭ جاسوسلۇق سەۋەبىدىن شىۋىتسىيە چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىق ۋەقەسى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھەر قانداق بىر خىتاي دىپلوماتىنىڭ تۇرۇشلۇق دۆلەت قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىنى، بولۇپمۇ تاشقى دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، جۇڭگونىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان باشقا دۆلەت دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا جازاغا تارتىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.