خىتاي بېسىمنى كۈچەيتكەنسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بارىدۇ

10 - ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن ئالتە ئاي ئىچىدە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قەستىدە يۈرگەن 82 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقى ھەمدە بۇ خىلدىكى 5 تەشكىلاتنى پاش قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي تەرەپنىڭ بۇ جاكىرى تۈنۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى، ئۈرۈمچىدە 5 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغان ھەمدە قەشقەردە 20 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلىپ بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى ئېلان قىلىنىپ بىر كۈندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكىنىڭ كابېل خەۋەرلەر تورى يەنى CNN ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەمدە قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختالغان ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن جۇڭۋېي، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئالتە ئېيى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە "جىھادچىلار" نى تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە قانۇنسىز دىنىي تەبلىخ ئېلىپ بارغان 41 ئورۇننى پېچەتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چېن يەنە، بۇ خىل تۇتقۇن قىلىشلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق خىزمىتىنىڭ خۇلاسىسى ئىكەنلىكىنى، ئىككىنچى باسقۇچلۇق خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

CNN دە نەقىل قىلىنىشىچە، چېن مۇنداق دېگەن: " بۈگۈندىن باشلاپ، بارلىقى ساقچى ‏ - ئوفىتسېرلار ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىگە يەنە بىر قېتىم ئاتلىنىشى كېرەك".

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى "ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش" دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىكىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاقلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، بۇ ھەقتە توختالغان سىياسىي كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، دەرۋەقە خىتاي ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى بىر قەدەر كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى بېسىم يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئولىمپىكتىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ھازىر تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە توختىتىپ، "بېسىم سىياسىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلغىنى بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىمۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىملارنى كۈچەيتكەنسېرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بارىدىغان بولۇپ، مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ھەرگىزمۇ بۇ خىلدىكى بېسىملار نەتىجىسىدە ئۆكسۈپ قالمايدىكەن ياكى يوقاپ كەتمەيدىكەن.

2007 - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىش، ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋە قامال قىلىش ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرغان بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى تۈنۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى داۋان يېزىسىغا جايلاشقان "چېن گۇاڭ" يەنى "تاڭنۇرى" ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى بىر تۇرالغۇغا باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ جايدا ھال - مۇلاقەتتە بولۇۋاتقان بىر توپ ئۇيغۇر ياشلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 5 ئادەمنى نەق مەيدان ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە بىر نەچچە نەپەرنى يارىلاندۇرۇپ 10 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچىدە بۇ يىل ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم يۈز بەرگەن بۇ خىلدىكى قانلىق ۋەقەدۇر.

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 9 - ئىيۇل قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە 10 مىڭچە ئۇيغۇرنى يىغىپ، ئون نەچچە نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئاچقان ھەمدە بۇلارنىڭ ئىچىدە 5 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككىسىنى دەرھال ئىجرا قىلغان.

بۇ خىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نەپرەت ئۇرۇقىنى چاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى: "ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بېسىم ئىشلىتىش بىلەن ھەل قىلغىلى بولغان بولسا، بۇ مەسىلە مانجۇ خاندانلىقى ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز تەسەررۇپى ئاستىغا ئالغان زامانلاردا ھەل بولۇپ كەتكەن بولاتتى" دەيدۇ.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى يەنە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى بەخت يولىغا جايلاشقان بەخت باغچىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى بىر ئۆيگە بېسىپ كىرىپ بۇ يەردىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئون نەچچە ئادەمنى قولغا ئالغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى 2007 - يىلى 5 - يانۋار پامىر ئېگىزلىكىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن 18 ىنى ئاتقانلىقىنى، 17 نەپىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل قاتتىق قول سىياسىتى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسىغا قارىمۇ ‏ - قارىشى بولۇپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئامال بار مەسىلە چىقارماسلىق، چوڭ مەسىلىنى كىچىكلىتىش، كىچىك مەسىلىنى يوقىتىش پوزىتسىيىدە بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشلىقى بولمىش ۋاڭ لېچۈەن ئۆزى بۇ رايوندىن ئالىدىغان مەنپەئەت تۈپەيلى ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىش مەقسىتىدە، مەسىلىلەرنى قەستەن چوڭايتىپ، ئۆزىنىڭ نەقەدەر قاتتىق قول سىياسەت بىلەن ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە يەنە، بۇ خىل خاھىش ئۇيغۇر ئېلىگە باشلىق بولۇپ تەيىنلىگەن خىتاي ئەمەلدارنىڭ ھەرقاندىقىدا ئورتاق تېپىلىدىكەن.