خىتاي تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئاتلىنىپ ئاخىرى سەددىچىننى سېلىپ ئاران ئۆزىنى قوتقازغان

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاغا قارىتا بىر تەرەپتىن قوراللىق قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشلاش دېگەن نامدىكى ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلدى. مۇشۇ كۈنلەردە، بىر مۇنچە ئۇچۇر ۋاستىلىرى، كىشىلەرنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى توغرىسىدىكى كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئەركىن ئىپادىلىشى ئۈچۈن مۇنازىرە بېتى ئاچقان ئىدى.

0:00 / 0:00

5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر

ب ب س تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خىتايچە، ئېنگىلىزچە ئوبزورلارنىڭ بىر قىسمىدا، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن. بۇ خىلدىكى مۇلاھىزىلەردە مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى ئەزەلدىن تارتىپ بىزنىڭ زېمىنىمىز دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ قېتىم يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ 5 - ئىيۇل نامايىشىنى ئۇرۇش، چىقىش، بۇلاش ھەرىكىتى دەپ بېكىتتى. ئەمما، قەدىمقى زامانلاردا بۇ زېمىنگە دەپنە قىلىنغان جەسەتلەر ئاق تەنلىككەنغۇ؟ ئۇ خىتاي ئەمەسكەنغۇ؟ سەن بۇ خەخنىڭ يۇرتىغا نېمە قىلغىلى كەلدىڭ؟ خەق سىنىڭكىنى بولىدىمۇ ياكى سەن خەخنىڭكىنى بۇلىدىڭمۇ ؟ ئالدى بىلەن بۇنى ئايرىش كېرەك. ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ؟ بۇ مەسىلىنى كوممۇنىست پارتىيە ياخشى ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك.

5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسى بۇ رايوندىكى خەلقنىڭ خەلقئارا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاپ، ئاندىن دۇنياغا، ئۈرۈمچى ئاھالىلىرى ئادەم ئۆلتۈردى دەپ تەشۋىق قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمىغان خەلقتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا مىللىي مەسىلە پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بىلەن خىتايلاردىن، خىتايلارنىڭ قولى بىلەن ئۇيغۇرلادىن ئۆچ ئالدى. ھازىر بۇ رايوندا ئادەملەرنىڭ چېگرىسى ئېنىق ئايرىلىپ بولدى، خىتاينىڭ ئاشخانىسىغا ھازىر ئۇيغۇر كىرمەيدۇ، ئۇيغۇرنىڭ ئاشخانىسىغا خىتاي كىرمەيدۇ. ھازىر بۇ جايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق دېگەن تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىدىغان ئادەم يوق.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەسلىھەت بەرگۈچىلەرنىڭ كۆز قارشى

ب ب س تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورلارنىڭ بىر قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان مەسلىھەت. بۇ خىلدىكى مۇلاھىزىلەردە مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: خىتايچە شىنجاڭ دەپ ئاتالغان بۇ جاي، تارىختىن بۇيان خىتايغا تالاي قېتىم بالايى - ئاپەت كەلتۈرگەن جاي. ئەگەر سەن بۇ جاينى يەنە ئەزەلدىن بىزنىڭ زېمىنىمىز دەۋەرسەڭ، يەنە بالايى - ئاپەت كېلىپ چىقىدۇ، قىسقىسى ئۆزەڭ قويغان شىنجاڭ (يېڭى چېگرا) دېگەن نام بىلەن مات بولىسەن.

ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىسا، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۈستىدىن دۇنياغا شىكايەت قىلىۋەرسە، دۇنيادا خىتاينىڭ يۈز - ئابرويى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە 197 ئادەم ئۆلدى دېگەن سان توغرا ئەمەس، ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى بۇنىڭدىن كۆپ، ئەمما ھازىر بۇ مەخپىيەتلىك ئاشكارىلانسا، مىللىي ئۆچمەنلىك تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. غەزەپ - نەپرەت ئوتىنى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى داۋاملىق كونترول قىلىش كېرەك.

خىتايلارنىڭ ئەجداتلىرى ئۆز ئەمەسنىڭ كۆڭلىمۇ ئۆزگىچە دەپ توغرا ئېيتقان. ئۆزگىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ( ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش) تىن ئۆزگە ياخشى چارە يوق. ئاز سانلىق مىللەت دېگەنلەرنى پۈتۈنلەي ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلاردىكى مىللەت دېگەن ئاڭنى ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت بەلگىلىرىنى يوق قىلىپ، ئۇلارنىمۇ چاغان بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان، خىتايچە يېزىق قوللىنىدىغان قىلمىغىچە مەڭگۇ ئەمىنلىك بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن نوپۇس تېزىملىكىدىن باشقا مىللەت ناملىرىنى يوق قىلىش كېرەك، ئىككىنچى قەدەمدە، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئىشەككە مىنىپلا يۈرىدىغان نەسردىن ئەپەندىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك، بۇ بىر سەنئەت، بۇ سەنئەتنى بىر يۇمشاق، بىر قاتتىق ۋاستە بىلەن ئىشقا سېلىش كېرەك.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار ئۆزى ئاچقان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تاقىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايلار ئاچقان قىساسچىلار جەننىتى دەپ ئاتالغان ئىنتېرنېت تور بېتىنى تاقىمىغان. بۇنداق تور بەتلىرىدە ھەتتا رابىيە قادىرنى بۇ جايدا تۇرۇپ ھېچنېمە قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇ ھازىر چەتئەلدە راھەتتە ياشاۋاتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بۇ جايدا، بىز ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش ئارقىلىق رابىيە قادىرنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇيالايمىز؛ ئۇيغۇرلار 5 - ئىيۇلدا خىتايلارنى ئۆلتۈرگەن، بىز ئۇلاردىن ئۆچ ئالىمىز، بىز ئەمدى پۇل توپلايمىز، چەتئەللەردىن ئەسكەر ياللىغىلى ياكى چەتئەللەردىكى خىتاي بازىرىدىن قاتىل ياللىغىلى بولىدىكەنغۇ دېگەن مەسلىھەتلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كەلگۈسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر

ب ب س تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورلارنىڭ يەنە بىر قىسمى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قىلىنغان مۇلاھىزىلەر. بۇ خىلدىكى مۇلاھىزىلەردە مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىدە راستىنلا مەسىلە بارلىقىنى سەزدى. ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچى، تېررورچى، خائىن دەپ باستۇرۇش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەي، يەنىلا كونا شۇئار بىلەن باستۇرۇۋەرسە، خىتايلارمۇ بىر كۈنى ھۆكۈمەتكە قارشى بايراق كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.

خىتايدا جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكى قۇرۇش دېگەن تەشەببۇس پەقەت خىتايلار ئۈچۈنلا مۇۋاپىق. بۇنداق تۈزۈم خىتايدىكى 19 ئۆلكىدە يولغا قويۇلسا، قالايمىقانچىلىق ياكى بۆلۈنۈش كېلىپ چىقماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇنداق تۈزۈم ئۇيغۇرلارغا ۋە تىبەتلەرگە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى تىل، تارىخ، مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مىللەتلەرنى زومۇ - زو بىر دۆلەت دەۋالغان جايلاردا بۇنداق ئىجتىمائى تۈزۈم ئاللىقاچان مەغلۇپ بولدى. بۇ ساۋاقلارنى قوبۇل قىلماي، يەنىلا تىل - يېزىقى، مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى خىتايلار بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلارنى ۋە تىبەتلەرنى زومۇ - زو بىر دۆلەت قىلىشنى ئويلاش خىتايلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

1931 - يىىلى ماۋ زېدۇڭ ئۆزى تۈزگەن جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قانۇنىنىڭ 14 - ماددىسىدا جۇڭخۇا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى بار. خىتاي زېمىنىدە ئولتۇرۇشلۇق موڭغۇل، خۇيزۇ، تىبەت، مياۋ، لى، كورىيانلارنىڭمۇ ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش، خىتاي جۇمھۇرىيىتىگە قاتنىشىش ياكى ئايرىلىپ چىقىش ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، سەن ئۇلارنى مۇستەقىلچىلەر دەپ تىللىساڭ قاملىشامدۇ؟ ئەگەر سەن ماۋ زېدۇڭ بوۋاڭدىن تېنىۋالالمىساڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى توسالمايسەن. كەلگۈسىدە ئىككى كورىيە بىرلەشسە، ئۇلارمۇ بىر كۈنى خىتايدىكى كورىيانلار تۇرغان زېمىننى سەندىن تارتىۋالىدۇ.

تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىتاي ئەزەلدىن تارتىپ غەرب مەدەنىيىتى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىپ باققان ئەمەس، خىتاي تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئاتلىنىپ، ئاخىرى سەددىچىننى سېلىپ ئاران ئۆزىنى قوتقازغان ئەمەسمىدى؟ بۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك.