ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى" گە قانداق قاراشتا؟

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇر مەنبەلىرىدە، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە، بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى"نى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ بېرىلمەكتە. ئۇنداقتا ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى رايون تەۋەسىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ رايونغا مەبلەغ سېلىۋاتقان شىركەتلىرى يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلامدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق خىزمەتلەرگە ئېرىشىش پۇرسىتى بار؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇچۇر مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 19 - نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، " ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە، ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش" سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قارار قىلىنغان.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى، يەكەن، كورلا، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا ئالىي مەكتەپ ھەم تېخنىكوملارنى تۈگىتىپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار ھازىر ئۆزلىرى تەۋە بولغان ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى ئىدارىلەر، مەكتەپلەر، ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ قوغداش بۆلۈملىرى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ تازىلىق ئىشچىلىقى قاتارلىق ئورۇنلارغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىماقتا ئىكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، " ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەكەن ناھىيىسى1460 ئائىلىنى مەركەز قىلىپ، بۇ ئائىلىلەردىن ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىزىملىغان. خەۋەردە شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈگىتىپ، 3 يىلدىن بۇيان ئىش كۈتۈپ تۇرغان بىر ياشنىڭ، ھازىر ناھىيىلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىگە تازىلىق ئىشچىسى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئېيىغا نەچچە يۈز يۈەن مائاش ئالىدىغان بولغانلىقى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

يەكەن ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگەتكەن 5 يىلدىن بۇيان خىزمەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ناھىيىلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى قارمىقىدىكى، مېيىپلار ئىشلىرى ئىشخانىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپتۇ.

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە، بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار تىزىملىنپ، غۇلجا تەۋەسىدە " ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمبلىيلەشتۈرىدىغانلىقى شۇنداقلا رايوندا يەرلىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭمۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلگەن.

تۇرپانيۈزى يېزىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان بىزگە، ئەتىيازدىن باشلاپ يېزىدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياشلارنى تىزىملاۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭ چىڭخۇا شىركىتىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىغا سېلىۋاتقان مېھمانخانا بىناسىنىڭ پۈتكەنلىكىنى، ھازىر بۇ شىركەت مېھمانخانىنىڭ تازىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن، يېزىدىكى ئاياللارنى كۈنلۈك ياللاپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مېھمانخانا رەسمىي ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن مېھمانخانىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ خەۋەرنىڭ دەلىللەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

غۇلجا شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پېنسىيىگە چىققان بىر ئوقۇتقۇچى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ سىياسىتىگە قارىتا گۇمانى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ بىزگە، ھازىر غۇلجىغا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ شىركەتلەرگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇ سۆزىدە يەنە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شىركەتلەرنىڭ غۇلجىغا يەرلىشىشى بىلەن تېخىمۇ جىق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايونغا ئېقىپ كېلىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ بارغانچە شالاڭلىشىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە نىسبەتەن، يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولۇۋاتقان ئىنكاسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇ سۆزىدە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت بەلگىلەشتە، ھەر ۋاقىت ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خەلقنىڭ ھەر ۋاقىت ھۆكۈمەت تۈزگەن ھەم ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەرگە قارىتا گۇمانىي قاراشتا ياكى پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.