قەدىمقى خوتەنگە پادىشاھ بولغان ئىرانلىق شاھزادە سىياۋۇش
ھازىرقى دەۋرىمىزدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى يېزىلىپ، زامانىمىزغىچە تولۇقى بىلەن يېتىپ كەلگەن نادىر ئەسەر "شاھنامە" دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سىياۋۇش - ئەينى چاغدىكى ئىرانلىقلار شاھنىشاھى كەيكاۋۇسنىڭ شاھزادىسى بولۇپ، "شاھنامە" داستانىدا خېلى كۆپ تىلغا ئېلىنغان ، قەدىمقى خوتەن ۋەقەلىكلىرىدىكى خوتەنگە پادىشاھ بولغان ئالاھىدە شەخس.
"شاھنامە" داستانى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان تارىخچىلار "شاھنامە" داستانىدا خاتىرىلەنگەن ئىرانلار بىلەن تۇرانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 529 - يىللاردىن 329 - يىللارغىچە ئىككى يۈز يىل ئەتراپىدا داۋاملاشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
سىياۋۇشنىڭ خوتەنگە كېلىشى
"شاھنامە" داستانىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قەدىمقى ئىران شاھنىشاھى كەيكاۋۇس شاھزادىسى سىياۋۇشنى تۇرانىيلارغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە لەشكەر قوماندانى قىلىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، سىياۋۇش تاجاۋۇزچىلىققا قارشى، ياخشى نىيەتلىك كىشى بولغانلىقتىن، ئاتىسىنىڭ زورى بىلەن ئاتلانغان بۇ سەپەرنى ئۆزگەرتىپ، بىر بۆلۈك سەركەردىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە كەتمەكچى بولغىنىدا، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان تۇرانىيلار شاھى ئاپراسياپ سىياۋۇشقا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن تۇرانلار ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ. شاھ ئاپراسياپ شاھزادە سىياۋۇشقا ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن كىشىلىرى قاتارىدىن ئورۇن بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزى ئاتىدارچىلىق قىلىپ ئۆيلەپ قويىدۇ. كېيىنچە ئۇنى خوتەنگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
سىياۋۇشنىڭ ئۆلۈمى
"شاھنامە" داستانىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىرانلىق شاھزادە سىياۋۇش خوتەنگە پادىشاھ بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ ئادالەتپەرۋەرلىكى بىلەن خوتەن خەلقىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، خوتەندە ئاۋاتلىق، مەمۇرچىلىق مەيدانغا كېلىپ، خوتەننىڭ تەرەققىياتى يۈكسەلگەنلىكى مەلۇم. سىياۋۇشنىڭ مۇنداق زور ھۆرمەتكە ئېرىشىپ كەتكەنلىكى تۇرانىيلار ئوردىسىدىكى بەزى ئىچى تار ۋەزىرلەرنىڭ ئوغىسىنى قايناتقانلىقتىن، ئۇلار بىر قېتىملىق خوتەنگە قىلغان تەكشۇرۈش سەپىرىدە ھەقىقەتلەرنى بورمىلاپ، ئاپراسياپقا يالغان مەلۇماتلارنى بەرگەنلىكى ۋە سىياۋۇشنىڭ تۇرانىيلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈش پىلانىنىڭ بارلىقى ھەققىدە يالغان دوكلات بەرگەنلىكى نەتىجىسىدە، سىياۋۇش خوتەن تۇپرىقىدا ناھەق قەتلى قىلىنغان. شۇندىن بىرى خوتەن خەلقى سىياۋۇشنى ئەسلەپ، قەبرە بېشىغا تۇغ - ئەلەملەر تىكلەپ، ئۇنى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئەۋلادلىرىغا ئۈزۈلدۈرمەي سۆزلەپ كەلگەنلىكتىن، سىياۋۇشنىڭ قىسسىسىنىمۇ يەرلىك خەلقتىن ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ راۋان سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. بۇ مازار ھازىرمۇ "سىياۋۇش ۋەلىيۇللا مازىرى" دەپ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.