ياپونىيىلىكلەرنى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشقا ئۈندىگەن ئامىللار قايسىلار؟

5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ياپونىيىدە چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى جەريانىدا، ئارقا سەپتە خىزمەت قىلغان ياپونىيىلىكلەر كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققەتنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان 20 ئەتراپىدا ياپون ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 12 گىچە ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باش كاتىپى ساتو ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەكىللەرگە قىلغان سۆزىدە ھەر كۈنى 10 سائەت خىزمەت قىلىپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئالدىراشچىلىقتا بالىسىنىمۇ كۆرەلمەيۋاتقانلىقىنى سۆزلىگىنىدە، ئۇيغۇر ۋەكىللەر تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتى.

ياپونىيىدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ماي، توكيو.

بۇ ياپونىيىلىكلەرنى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۈندىگەن ئامىللار قايسىلار؟ ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن قانداق تونۇشقان؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇق مۇئاۋىن رەئىسى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.