يېقىندا رادىئومىزغا مەلۇم بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزدىن كەلگەن خەت ۋە كەلگەن بەزى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى پاسپورت ۋاقتى توشۇپ، ئۇنى ئۇزارتىشقا بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلغان ئىكەن.
رادىئومىزغا كەلگەن خەتتە بۇ ئەھۋال مۇنداق دەپ ئىنكاس قىلىنغان: "ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋاقتى توشقان پاسپورتلىرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىلىكىگە بارسا، سىلەر شىنجاڭلىقلارنىڭ ھازىرچە چىقمايدۇ، دەپ ئايرىمىچىلىق سۆزلىرى قىلغان. بۇنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار غەزەپلىنىپ ئۇلار بىلەن تالاش - تارتىش قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەن."
ئەلچىخانە خادىملىرى ئۇلارغا: "سىلەر شىنجاڭلىق بولغاندىكىن ئامال يوق، بۇ دېگەن يۇقىرىدىن چۈشكەن بۇيرۇق، ئەڭ كەم ئۆكتەبىر بايرىمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن سىلەرنى ئويلىشىمىز،" دەپ جاۋاب بەرگەن.
بىزگە يوللانغان بۇ خەتتىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنلا پاسپورتلىرىنى تاپشۇرۇپ قويغانلار بولسا گەرچە ئارىدىن ئىككى ئايدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پاسپورتلىرىنى ئالالمىغان. قولىدا پاسپورت بولمىغان بۇ ئۇيغۇرلار خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كاماندروپكىغا چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئىكەن. بىز بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېين، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
ئۇ، ياپونىيىدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزىگە مۇشۇنداق بىر ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغانلىقىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پاسپورت ئۇزارتقىلى بارغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بالىلارنى 2 - 3 ئايدىن كېيىن كەل، دەپ يولغا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ياپونىيە دائىرىلىرىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پاسپورت ئۇزراتقىلى بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىسىدىن خەۋەر تاپقان بولۇپ، ياپونىيە چەتئەللىكلەرنىڭ كىرىش - چىقىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدىغان ئورگىنىدىكى خادىملارمۇ ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىدىن خەۋىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا ئۇلار قاچان پاسپورتنى ئېلىپ كەلگۈچە ئۇلارنى قانۇنسىز تۇردى، دەپ جازا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا، خىتاينىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئەمەسلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسى قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئاشكارە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىز ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىدىن بۇ ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، لېكىن ھازىرچە بۇنىڭغا ئىمكان قىلالمىدۇق. ئەمما بىز پات ئارىدا ياپونىيىدىكى خىتاي ئەلچىلىكى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئەھۋالنى ئىگىلەشكە تىرىشىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.