تاكادا جۇن ئەپەندى، بۇ ھەقتە ئۆز تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىرغان. تور بېتىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
خىتاي ھۆكۈمىتى 1990 - يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا 11 قېتىم يەر ئاستى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە بىر قېتىملىقى تېيىز يەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر مېگاتوننا دەرىجىدىكى چوڭ تىپتىكى سىناق بولۇپ، بۇنىڭ زىيىنى يەر يۈزىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىنىقى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش دەرىجىدە بولغانلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا رەسمى ئىسپاتلاندى.
بۇ خىلدىكى ئاتوم سىنىقى ھامىلدارلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ بالىلارنىڭ مېيىپ تۇغۇلۇشى، ياش - ئۆسمۈرلەردىكى راك ۋە ئاققان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىدەك نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. بۇ خىلدىكى سالامەتلىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاتومدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئىشنى باشلىدۇق. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ۋە ئاتومنىڭ زىيىنىدىن ئالەمدىن ئۆتكەنلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرنى مەركىزىمىزگە يەتكۈزۈپ بېرىشىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمىز.
ئاتوم تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنى تەكشۈرۈشكە قانداق قاتنىشىسىز
بۇ تەكشۈرۈشكە تۆۋەندىكى تور بېتىگە كىرىپ، سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق قاتنىشالايسىز. تور بېتىگە كىرگەندىن كېيىن كونكېرت نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىڭىز ھەققىدە تور بېتىدە مۇنۇلار يېزىلغان. (
[ تور بېتىOpens in new window ]
)
1. بىرىنچى قېتىملىق خىتاينىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، تۆۋەندىكى رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئادرېسىغا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.
- جەدۋەلدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ. ئىسىم - فامىلىڭىز بۇنىڭغا راست ئىسمىڭىزنى يازماي تەخەللۇسىڭىزنى يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.
- ئاتوم سىنىقى جەريانىدا سالامەتلىكى بۇزۇلغان شەخسنىڭ ئىسىم - فامىلىسى. بۇنىڭدىمۇ راست ئىسىمنى بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. باشقىلار نامىدىن تولدۇرغان بولسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ئېنىق يېزىلسۇن.
- تۇغۇلغان ۋاقتى، ئورنى ئېنىق قىلىپ يېزىلىشى كېرەك. شەھەر ناھىيە يېزىلارغىچە "گوگۇل" نىڭ خەرىتە بېتىدىن پايدىلىنىپ ئېنىق جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ئېيتىپ بېرىشىڭىزنى سورايمىز. ناۋادا تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بولسا قەيەردىن قاچان كۆچۈپ كەلگەنلىكى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
- بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ نامى مەسىلەن، ئاققان كېسىلى، كالپۇكى پۇچۇق، چولاق قاتارلىقلار. كېسەل ئالامەتلىرىنى ئېنىق يېزىشىڭىزنى سورايمىز.
بۇ سۇئاللارغا ئۇيغۇر، ياپون ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا جاۋاب بېرىشكە بولىدۇ.
2. ئۇچۇر ئەۋەتكۈچىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ مەخپىي ساقلىنىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
3. بۇ نۆۋەتلىك ئاتومدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى تەكشۈرۈش ئۇچۇر توپلاش پائالىيىتى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
4. ئاتومنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىمارلار ئەۋەتكەن ماتېرىياللار تەتقىق قىلىنىپ بۇنىڭ نەتىجىسى 3 - ئاي ئىچىدە رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش مەركىزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
5. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە ياش چەكلىمىسى يوق. ئەمما بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئاساس قىلىدۇ.
پروفېسسور. در. تاكادا جۇن ئەپەندى كىم؟
ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى باشلاتقان ساپپورو تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تەبىئي پەنلەر دوكتورى تاكادا جۇن ئەپەندى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى تېببىي تەتقىقات بۆلۈمىدە رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىلمى كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇ تىبابەت فاكۇلتېتى فىزىكا ئىشخانىسىنىڭ خادىمى. ھازىر رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈمەكتە.
ئۇ يەنە، ياپونىيە رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش داۋالاش تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ خىتايغا بېرىپ ئاتوم سىنىقىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ خىتايلار رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ كۆپ قېتىم قازاقىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
تاكادا جۇن ئەپەندى ھازىرغىچە "خىتايدا ئاتوم سىناقلىرى"، "دۇنيادىكى رادىئاتسىيە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان جايلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش"، "توكيوغا يادرو قۇرال تېررورى"، "يادرو پارتلىتىش ئاپەتلىرى"، "يادرو ئاپەتلىرى ئىچىدىن قايتا باش كۆتۈرۈش"، "يادرو ئاپىتىدە رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش"، "يادرو ۋە رادىئاتسىيە فىزىكىسى"، "ئانىلار ئۈچۈن رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى"، "تىببىي خادىملار ئۈچۈن رادىئاتسىيىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىلمى"، "يادرو ئېنېرگىيىسى ۋە يەر تەۋرەش" قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان.
ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتوم سىنىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياش - ئۆسمۈرلەر ھەققىدە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پائالىيىتىگە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.