ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھرىدە خىتايلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى تۇنجى نامايىش ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئوساكالىق ياپون، تىبەت ۋە موڭغۇللاردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشقان. قوللىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە ياپون بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن بۇ نامايىشچىلار، "خىتايلار ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختاتسۇن، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارغا ئەركىنلىك، ئۇيغۇر قىزلىرىنى قۇل قىلىشنى توختىتىڭلار، توختى موزارت قايتۇرۇپ بېرىلسۇن، ئويغان ئۇيغۇر" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشقان.

بۇ نامايىشنى ياپونىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن دۇنياغا ئەركىنلىك تەشكىلاتى بىلەن ئوساكا پۇقرالار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ بۇ قېتىمقى نامايىشقا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر توكيودىن ئوساكاغا كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان. بۇ نامايىشنى ئوساكادىكى كۆپ ساندىكى چەتئەل ۋە ياپون ژورنالىستلىرى خەۋەر قىلىپ تارقاتقان.

بىز بۇ نامايىش ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نامايىشچىلار بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى بېسىم سىياسىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ زۇلۇمنى توختىتىشقا چاقىرىش، ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن خىتايغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.