ياپونىيىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

12 - نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن تەنتەنىلىك تەبرىكلەندى. ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىمۇ "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى"نىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىندا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى ياپونىيىلىك تەتقىقاتچىلار ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ مەزگىلىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى مۇخبىرىمىز ئىرادەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يىغىندا ياپونىيە تاكوشوكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرىدىن سىكىيوكا ھىدىيۇكى ئەپەندى ۋە ناكاجىما تاكاخورو ئەپەندىلەر سۆز قىلغان.

سىكىيوكا ھىدىيۇكى ئەپەندى سۆزىدە تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ سۆزىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئېيىتقان.

ناكاجىما تاكاخورو ئەپەندى بولسا، تۈرك دۇنياسى ۋە ئۇيغۇرلار تېمىسىدا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تۈرك دۇنياسىنى ئايرىپ قاراشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، تۈرك دۇنياسىنىڭ ياپونىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيىنىڭ چوقۇم تۈرك دۇنياسى بىلەن ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.