تۇرپان ئايدىڭكۆلدە بىر ئۇيغۇر ياشنى ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويغان 3 نەپەر ساقچى جازالانمىدى

سالامجان سۇبايدىننىڭ ساقچىلارغا گەپ ياندۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى تونۇش ئىقتىدارى ۋە ئوز تاھارىتىنى ئۆزىگە تايىنىپ قىلىش مادارىدىنمۇ قالغان.

0:00 / 0:00

2 يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا 20، 30 نەپەر ياشنى ئەگەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 27 ياشلىق سالامجان سۇبايدىن بۈگۈن ياتاقتا. ئۇ بۈگۈن قۇرۇلۇش بىنا قىلىش ئەمەس، ئۆز تاھارىتىنى ئۆزىگە تايىنىپ قىلىش مادارىدىنمۇ مەھرۇم؛ ئەقلىي جەھەتتە قۇرۇلۇش لايىھىلەش ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە 4 ياشلىق قوشكېزەك بالىسىنىمۇ تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇ دراماتىك ئۆزگىرىش پەقەتلا ئۇنىڭ بىر «خاتالىقى» سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان؛ ئۇ بولسىمۇ، سالامجان سۇبايدىننىڭ ساقچىلارغا گەپ ياندۇرغانلىقى. مەزكۇر «خاتالىق» ئۈچۈن خىتاينىڭ 3 نەپەر ساقچىسى سالامجان سۇبايدىننى ئالدى بىلەن كوچىدا، ئۇنىڭدىن كېيىن ساقچىخانىدا ئۇرۇپ بۈگۈنكى ھالىغا كەلتۈرۈپ قويغان.

ۋەقە 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسىدا يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى سالامجان سۇبايدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇشىغا ئىشچى ئىزدەپ ھەپتىلىك پەيشەنبە بازارغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئاپتوموبىلىنى توختىتىۋاتقاندا، 3 نەپەر ساقچى ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن ۋارقىرىغان ۋە دەرھال يوقىلىشقا بۇيرۇغان. سالامجان ئەھۋالنى ئاڭقىرالماي ساقچىلاردىن گەپ سورىغان، جاۋاب قانائەتلىنەرلىك بولمىغاندىن كېيىن، ساقچىلار بىلەن بىر-ئىككى ئېغىز تاكاللاشقان. مانا بۇ گەپ ياندۇرۇش ۋە تاكاللىشىش خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كويزا-توقماقلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.

ساقچىخانا باشلىقى يۈ شيەنفېڭ، ساقچى خادىمى مەخمۇت ئاكوپ ۋە ئەركىن سەلەي تەڭلا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇنى ھۇشسىزلانغىچە ئۇرغان. پەيشەنبە بازاردىكى كىشىلەرنىڭ ئارىغا كىرىپ توسۇشلىرى، بىر موماينىڭ يالۋۇرۇپ ئۆتۈنۈشلىرى بۇ 3 نەپەر ساقچىنى پەيلىدىن ياندۇرالمىغان. ئۇلار ھوشسىز سالامجاننى كويزىلانغان ھالەتتە ساقچىخانىغا ئاپىرىپ يەنە ئۇرغان.

سالامجاننىڭ ئاتا-ئانىسى ساقچىخانىغا چاقىرىلغاندا ئوغلىنىڭ «بىر زەمبىل گۈشكە ئايلىنىپ قالغان» لىقىنى كۆرۈپ، ئوغلىنى ساقچىخانىدىن ئەكېتىشنى رەت قىلغان. سالامجان ساقچىخانىدا 3 كۈن تۇرغۇزۇلۇپ مەجبۇرىي ئۆيىگە ئاپىرىۋېتىلگەن. سالامجان دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولسىمۇ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلمىگەن. دادىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ نۆۋەتتە، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېتىلەپ ئاچىقىشى بىلەن تاھارەت ئېھتىياجلىرىدىن چىقالايدۇ؛ ئۆيىدە چۈشىنىكسىز سۆزلەر بىلەن كىملەرنىدۇ ئەيىبلەيدۇ. نۆۋەتتە سالامجان سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك مېيىپ، ئۇ بېقىشى ۋە تەربىيىلىشى كېرەك بولغان خانىمى ۋە ئىككى بالىسىنىڭ تەقدىرى قاراڭغۇ. سالامجاننىڭ ئاتا-ئانىسى ساقچىلار تەرىپىدىن كۆزىتىلىدىغان نۇقتىلىق ئائىلە. سالامجاننىڭ دادىسى بۇ ۋەقەنى ھېچكىمگە دېمەسلىك، ھېچنەگە ئەرز قىلماسلىققا بۇيرۇلۇپ، ئۇنىڭ قورۇسى بىر يىل نازارەت ئاستىدا تۇتۇلغان؛ ئۇ ھېلىھەم يىراقتىن نازارەت قىلىنماقتا.

ئاڭلىغىنىڭلاردەك، سالامجان سۇبايدىن خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى گەپ قىلمىغان؛ ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قارشىمۇ سۆز قىلمىغان. خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى ھەرىكەتلەردە ئەسلا بولمىغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ رەھىمسىز زەربە نىشانىغا ۋە قۇربانىغا ئايلانغان.

خىتاي ساقچىلىرى بۇ جاسارەتنى نەدىن ئالدى؟ ۋاڭ لېچۋەننىڭ «ھايات-ماماتلىق كۈرەش» تەلىماتىدىنمۇ؟ جاڭ چۈنشەننىڭ قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش چاقىرىقىدىنمۇ؟ ۋە ياكى نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر پىدائىيلارغا يولۋاسلارچە ھۈرپىيىپ، خىتاي زوراۋانلىرىغا كەلگەندە ئۈن چىقىرالماسلىقى سەۋەبىدىنمۇ؟ ۋەقە سادىر قىلغان ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ ھازىرغىچە جازالانماسلىقى، ئەكسىچە ئورۇن ئالمىشىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى يۇقىرىقى سوئاللارغا يېتەرلىك بىر جاۋابتۇر.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى سالام سۇبايدىننىڭ دادىسى سۇبايدىن مەھمۇتنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.