خەلقئارادىكى قەلەمكەشلەر 'ياۋا كەپتەر'گە خەت يازدى

ھەر يىلى 15 - نويابىر كۈنى، "خەلقئارا تۈرمىدىكى قەلەمكەشلەرگە ئەركىنلىك" كۈنىدۇر. خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى بۇ يىللىق قەلەمكەشلەر ئەركىنلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدە "ياۋا كەپتەرگە ئەركىنلىك" تېمىسىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئاساسلىق كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن.

0:00 / 0:00

ياۋروپادىكى نۇرغۇن مۇستەقىل قەلەمكەش ۋە ژورنالىستلار خىتاي تۈرمىسىدىكى نۇرمەمەت ياسىنغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارىتىپ خەت تەييارلىغان. ئۇلار نۆۋەتتە بۇ ھالسوراش مەكتۇپىنى نۇرمۇھەممەتكە قانداق يەتكۈزۈش يولىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىگە ھاۋالە قىلغان.

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى مەركىزىدىن قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى بولسا، مەزكۇر خەۋەرنىڭ رادىئو دولقۇنلىرىمىز ئارقىلىق نۇرمۇھەممەت ياسىنغا يېتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.