خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان 'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى' قانۇنى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەرلىك ھۆكۈمىتى 1 - فېۋرالدىن باشلاپ، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامى" ھەم " جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامى"نى رەسمىي يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ قانۇنغا نىسبەتەن چەتئەللەردىكى ئۆكتىچى كۈچلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم دېموكراتىك ئىدىيىدىكى زىيالىيلار، بۇ قانۇننى، "خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى،" دەپ تەنقىدلىدى.

0:00 / 0:00

بۇ قانۇندا، "ھەر قانداق شەخس ۋە ئورگاننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ - سۆزلەرنى تارقىتىش، يىغىش، تەمىنلەش، بېسىش، ئېلان قىلىشىغا ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى" ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ 1 - فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ قانۇن كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقى 30 - دېكابىر كۈنى مەزكۇر قانۇن توغرىسىدا بەرگەن باياناتىدا، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى"نىڭ "چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى '3 خىل كۈچلەر'نىڭ ئۈزلۈكسىز مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقى"نى، بۇ قانۇننىڭ "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغانلىقى"نى تەكىتلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، بۇ قانۇننىڭ ئەمەلىيەتتە نەچچە 10 يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى يوللىغۇچىلارنى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى قاتتىق باستۇرۇش" دېگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەر بىلەن قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا نىسبەتەن ئۇچۇر قامىلى ئېلىپ بېرىپ، ئاخبارات ساھەسىنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دۇنياغا خەۋەر قىلىشىغا يول قويماسلىق، يەنە بىر جەھەتتىن ئاۋام پۇقرالارنىڭ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتىنى بايان قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر قانۇننىڭ بۇ رايوندا يولغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ: "بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇننى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ھازىر ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىمسىزلىقنى ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

بۈگۈن تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، بۇ ئىككى قانۇن - نىزامىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرسلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاۋ دېجۇڭ 31 - يانۋار كۈنى، "ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى"نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، يەسلى، باشلانغۇچ ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ،" ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە"، "مىللەتلەر دائىمى ئوقۇشلۇقى"، "مىللىي سىياسەتتىن ئاساسى بىلىملەر" قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەسلىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتۈلۈۋاتقان "مىللەتلەر نەزەرىيىسى" دەرسنىڭ ھەپتىسىگە 10~12 سائەت ئەتراپىدا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، ھەم مەۋسۇم ئاخىرىدا پۈتكۈل ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە بۇ دەرسلەردىن بىر تۇتاش ئېمتىھان ئېلىنىپ، ئىمتىھان نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىغا سېلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى سۈن چى بولسا، بۇ يىلدىن باشلاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىگە دائىر مەزمۇنلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسەت ھەم تارىختىن ئېلىنىدىغان ئېمتىھان سوئاللىرى ئىچىگە 20~30 نومۇرلۇق سوئال بولۇپ كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى، ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنىڭ شىنجاڭ سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىشتىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، ئامېرىكىدىكى ئېلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامنامىسى" دا يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، بۇنى مەكتەپلەر ئوقۇتۇشىدىكى ئاساسى ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ رايوندا مىللىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشى، رايوندىكى خەلقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىقلارنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامى" ھەم "جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش نىزامى"نىڭ رايوندىكى مەۋجۇت مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى رايونغا قارىتىلغان ئىقتىسادى سىياسەت ۋە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا بولغان ھەقىقىي ئىگىدارچىلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا ئاندىن، ۋەزىيەتتىكى جىددىيلىكنى پەسەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئانالىزچىلار يەنە نۆۋەتتىكى شارائىتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، رايوندىكى مىللىي مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىدىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق بېشارىتى يوقلۇقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەنىلا ئۇزۇن مەزگىلگىچە تىنچىمايدىغان بىر زېمىن بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.