ئەمما ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىچۇ؟ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمۇ تىنچ، خاتىرجەم مۇھىتتا ياشامدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە زېھىنلىرى جەمئىيەتنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىغان مەرھابا ۋە مەنسۇرجان ئىسىملىك ئاچا - ئىنى ئۆسمۈرلەرنىڭ، 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 'شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى' خاتىرلەش مۇراسىمدا، ۋەتەن ھەققىدە 'يېتىم قالغان تۈركىستان' دېگەن تېمىدا سۆزلىگەن يۈرەك نىدالىرىغا قۇلاق سالايلى.
مەرھابا ئىسىملىك ئۆسمۈر قىز ئاتا - ئانىلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئاتىلار، شەپقەتلىك ئانىلار! ئى!!!! ۋىجدانلىق، مېھرى شەپقەتلىك، باغرى يۇمشاق، كۆيۈمچان ئاتىلار ۋە سۆيۈملۈك ئانىلار! مانا كۆز ئالدىڭلاردىكى بىز يېتىملارنىڭ ئاھۇ زارىغا، ياق! بىزنىڭ ئەمەس، يېتىملەر دۆلىتىنىڭ نالە پەريادىغا قۇلاق سېلىڭلار! بىلەمسىلەر؟! بۈگۈنكى ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك دۇنيادا بىز يېتىم بالىلارلا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن يېتىملار دۆلىتى بار. خەلقى پۈتۈنلەي يېتىم قالغان... ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر تايانچى يوق... يېتىم قالغان شەرقىي تۇركىستانىمىز بار.
بىلەمسىلەر؟! شەرقىي تۇركىستاندا ھەر كۈنى تۈرمىلەردە سەۋەبسىز مەخپىي ئۆلتۇرىلىۋاتقان ئاتا ئانىلار، جەسەتلىرى گۆرسىز، كېپەنسىز كۆيدۇرىلىۋاتقان شېھىد ئاكىلار بار. ئەرلىرىدىن خەۋەر يوق ئاھ چېكىۋاتقان، ياكى يالۋۇرۇپمۇ جەسەتلىرىنى قانخور ساقچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قايتۇرۇپ ئالالمايۋاتقان مىڭلارچە چارىسىز تۇل ئاياللار بار. شۇنداق!!! قولسىز، قاناتسىز، زۇلۇم زېمىستانىدا ئوچاقسىز، رەڭگى ساماندەك سارغايغان، پاناھسىز، چارىسىز، باش تىققۈدەك يېرى يوق، ئۆز ۋەتىنىدە ۋەتەنسىز، ئېقىندى خىتايلارنىڭ ۋە ئورگان مافىيالىرىنىڭ قوربانى، ئىگىسىز، ھىمايىسىز مىڭلارچە يېتىم بالىلار بار.
بىلەمسىلەر؟! ھېيت بايراملىرىنى ئاتا ئانىلىرىنىڭ قەبرە بېشىدا يىغلاش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان، ھەتتا كېچىلىرى قەبىرىنى قۇچاقلاپ يېتىپ، مۇزلاپ ئۆلۈش خەۋىپىدە تۇرىۋاتقان نارەسىدە شېھىد يېتىملىرى بار. بىراق بۇلارنى كۆرۈش ۋە ئاڭلاش بۇنچە ئاسان ئەمەس شەرقى تۇركىستاندا... يىغلاش چەكلەنگەن، نالە قىلغانغا تۈرمە! بوغۇلۇپ ئۈنسىز يىغلىماقتىن باشقا چارە يوق... سادالار قاناتسىز... ئۆرلىمەيدۇ... قۇلاقلارغا يېتىپ بارالمايدۇ... ئۈنسىز، چارىسىز پەرياتلار.
مەرھابا يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
شۇنداق، شەرقى تۈركىستاننىڭ تۇپراقلىرىلا ئەمەس، ھەممە نەرسىسى ئىشغال قىلىنغان، پۈتۈن مەۋجۇدىيەت، پۈتۈن مەنزىرە، پۈتۈن كۆرۈنۈشلەر مونوپول قىلىنغان. شۇڭا دۇنيا شەرقى تۈركىستاننى ياخشى بىلمەيدۇ، مانا ئۈرۈمچى قرغىنچىلىقىدا دادىسىنىڭ كۆز ئالدىدا خىتايلار تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇچ ياشلىق قۇتلۇقجان. بۇنى دۇنيا كۆرەلىدىمۇ؟ ئاخباراتلاردا ئورۇن ئالالىدىمۇ؟ ياق ئالالمىدى. چۈنكى تۈركىستانىمىز يېتىم، ئېگىسىز، چارىسىز. پەلەستىندە بىر گۆدەك، بىر مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلسە، خەۋىرى پۈتۈن دۇنيانى بىر ئالدى، ئەمما تۈركىستانىمىزدىچۇ؟! كۈنىگە قانچىلىغان مۇھەممەدلەر ئۆلتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، "قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەندى" دېگەن جىنايەت بىلەن مەكتەپلەردىن ھەيدىلىپ، ھەتتا ئۆيدە قۇرئان ساقلىغان، ياكى قۇرئان ئۆگەتكەن دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بىراق دۇنيا بۇنى كۆرمەيدۇ، ياكى كۆرمەسكە سالىدۇ. مەككار خىتاينىڭ 35 مىليون مۇسۇلمان ئۈچۈن ئاران ئۈچ دىنىي مەكتەپنى ئېچىپ قويۇپ، "مانا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بار" دېگەن رەڭۋازلىقىغا ئالدىنىپ كېتىۋېرىدۇ. چۈنكى دۇنيانىڭ ئازات مەشھۇر ئاخباراتچىلىرىنىڭ چەكلىمە تونىماس ئاپىراتلىرىمۇ، تۈركىستاندا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ئۆزى خالىغان كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا كۆزلىرى خالىغان مەنزىرىنىمۇ كۆرەلمەيدۇ. چۇنكى شەرقى تۈركىستاندا پۈتۈن كوچىلار، پۈتۈن كۆرۈنۈشلەر، پۈتۈن ئاۋازلار، مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆز بويامچىلىق ئۈچۈن پروگراممىلاشتۇرۇلغان، گوياكى بىر تېلېۋىزورغا ئوخشايدۇ. ئاھ! بۇ چارسىزلىقلارنى سۆزلەشكىمۇ سۆز يەتمەيدۇ.
مەرھابانىڭ ئىنىسى مەنسۇرجان ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
مەن كۆپىنچە شۇ "يېتىم" دېگەن سۆز ئۈستىدە ئويلىنىپ قالىمەن. ئاتا ئانىدىن مەھرۇم بالىلارنىغۇ "يېتىم" دەيدىكەنمىز، ئەمما ھايات تۇرۇپمۇ بالىلىرىدىن يىراق، بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھېيت ئويناشتىن مەھرۇم بىچارە ئاتىلارنى نېمە دەيمىز؟ ئەجىبا "پەرزەنت يېتىملىرى" دېسەك بولارمۇ؟ توغرا! مەن شۇ تاپتا "پەرزەنت يېتىملىرى" ھەققىدە ئازراق توختىلاي دەيمەن، چۈنكى مەنمۇ ئەنە شۇنداق "پەرزەنت يېتىملىرى"نىڭ يېتىملىرىمەن. ئاھ! قاراڭلار تۈركىستانىم گويا ئاتامغا ئوخشايدۇ، ئاتام مەندىن يىراق، مەندىن يېتىم. مەن ئاتامدىن يىراق، مۇساپىرچىلىقتا ئاتامدىن يېتىم... شۇڭا تۇركىستانىم "پەرزەنت يېتىمى،" مەن بولسام، تۇركىستان يېتىمى. مەن ئۆزەمنىڭ ۋە جان ئاتام تۈركىستانىمنىڭ يېتىملىكىنى ئەڭ كۆپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھېسسىزلارچە پەرۋاسىزلىقىدا ھېس قىلدىم... تۈرك دۇنياسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىسلام خاقانلىقىنى قۇرغان، تۈرك دۇنياسىنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئايرىلماس پارچىسىغا ئايلاندۇرغان، ئۇلۇغ، تۆھپىكار سولتان سۇتۇق بوغراخان ئاتامنىڭ ئۇنۇتۇلغانلىقىدا ھېس قىلدىم... مەسچىتلەردە ئىماملارنىڭ دۇئا ئۈچۈن قول كۆتۈرگەندە، زۇلۇم ئاستىدىكى پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ نامىلىرىنى بىر بىرلەپ تىلغا ئىلىپ، تۈركىستاننىڭ نامىنى تىلغا ئالمىغىنىنى كۆرگىنىمدە يۈرەك باغرىمنىڭ لەختە لەختە قان بولغانلىنى ھېس قىلدىم. دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئەشۇ ئەزىز ۋەتىنىمنىڭ، ئەمدىلىكتە ھەتتا جامىئىلەردىكى دۇئالاردىنمۇ يېتىم قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ئاھۇ پەرياتلارغا چۆمۈلدۇم، كۆز ياشلىرىمدا ئازابلىق ئېچىنىشنى ھېس قىلدىم. شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۈنۈمنىڭ يېتىشىچە پۈتۈن ئىسلام ئالىمىگە نىدا قىلماقچىمەن! ۋاقىراپ جار سالغانچە خىتاب قىلماقچىمەن، ئى مۇسۇلمانلار! دۇئالىرىڭلاردا بولسىمۇ تۈركىستانىمنى يېتىم قالدۇرماڭلار! مېنى يېتىم قالدۇرماڭلار! دۆلىتىڭلارنىڭ مەنپەئەتپەرەس سىياسەتلىرى يېتىم قالدۇرغان تەقدىردىمۇ، سىلەر بىزنى يېتىم قالدۇرماڭلار!
مەرھابا ۋە مەنسۇرجان ئىسىملىك بۇ ئۆسمۈرلەر يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىستانبۇلغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
