ۋاشىنگىتوندا 'يىپەك يولى' ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا مۇزېي ۋە گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمە سارايلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ پايتەخىتنىڭ مۇزېي شەھىرى دەپمۇ گۈزەل نامى بار. ۋاشىنگىتوندا داۋاملىق دۇنيانىڭ داڭلىق گۈزەل سەنئەتچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ تۇرىدۇ.

0:00 / 0:00

بۈگۈن يەنى 15 - ئىيۇل ۋاشىنگىتوندا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ يىپەك يولى ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى.

چارشەنبە كۈنى پايتەخت ۋاشىنگىتوننىڭ R كوچىسىغا جايلاشقان گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمە زالىدا " يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى " نامىدا مېھراي پىدا، نەيىم ئابدۇرېھىم قاتارلىق ئۇيغۇر ياش رەسساملارنىڭ رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلۇشقا باشلىدى.

بىز مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ مۇراسىمى باشلىنىشنىڭ ئالدىدا كۆرگەزمىگە ئۆزىنىڭ رېئالىستىك ئۇسلۇبىدا، ئۇيغۇر يۇرتلىرى ھەم ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر قانچە پارچە ماي بوياق ئەسەرلىرىنى قويغان رەسسام نەيىم ئابدۇرېھىمنى زىيارەت قىلدۇق.

رەسسام نەيىم ئابدۇرېھىم ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن داڭدار ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنى يېتىشتۈرگەن سەنئەت ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئالغان شۇنداقلا ياپونىيىدە 6 يىل گۈزەل سەنئەت ساھەسى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇپ، بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ۋاشىنگىتونغا كەلگەن.

ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ ۋاشىنگىتوندا گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمىگە قويۇشىغا ياردەمدە بولغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرىدىن تۇغلۇق ئەپەندى، مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بايان قىلدى.

يىپەك يولى ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت كۆزگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە زالىنىڭ ئىگىسى شۇنداقلا كۆزگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇر رەسىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرىنچى تاماشىبىنى بولغان سىتىف ئەپەندى، 30 يىلدىن بۇيان گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەرنىڭ بىر‏ - بىرىدىن جەلپ قىلارلىق ئىكەنلىكىنى، ئەسەرلەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۇيغۇر شەھەر مەنزىرىلىرى، ئۇيغۇر ھاياتى ھەم ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى، يېقىندا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە گېزىت خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنى ئادەمنى چۈچىتىدىغان بىر پاجىئە، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتىنى نوپۇس يۆتكەپ، بېسىۋالغاندىن كېيىن، ھەممە نېمىگە ئىگە بولۇۋېلىپ ئاخىرىدا يەنە، ئۇلار ئۈستىدىن قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خۇددى تىبەتكە ئوخشاشلا، مەن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن،" دېدى.

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋاشىنگىتوندا ياشاپ كېلىۋاتقان شۆھرەت سەيدىئەخمەت ئەپەندىمۇ مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيادا ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئېچىلىشنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ چۈشىنىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر كۆرگەزمە 15 - ئىيۇلدىن 25 - ئىيۇلغىچە ۋاشىنگىتوندىكى گۈزەل سەنئەت ھەۋەسكارلىرى، ساياھەتچى ۋە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.