ياپونىيىدە غۇلجا ۋەقەسى خاتىرىلەندى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە بولغاندەك، ياپونىيىدىمۇ غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 12 - يىللىقى خاتىرىلەندى. 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى توكيو شەھىرىنىڭ شىبۇيا رايونىدا غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 12 - يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلغان.

0:00 / 0:00

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەھمۇت باشچىلىقىدىكى ئامما تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا ياپون خەلقى قىزغىن ئاۋاز قوشقان. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دىن 14:00 كىچە داۋام قىلغان بۇ نامايىشقا ياپون ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر دوستلىرى ياپونلاردىن بولۇپ 120 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

بۇ كىشىلەر قولىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، لوزۇنكىلاردا "خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، يوقالسۇن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار يېزىلغان.

شىبۇيا رايونىدىكى نامايىشتىن كېيىن نامايىشچى ئامما توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپمۇ نامايىش قىلغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن. ئۇ باياناتىدا، غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان كىشىلەرنى ياد ئېتىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ھەرىكەتنى قانلىق باستۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىمۇ بۇنىڭغا چاقىردى.

بىز بۇ نامايىش ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.