' قەيەردە زۇلۇم بولسا شۇ يەردە قارشىلىق بولىدۇ '

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" راستتىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقاندەك "چەتئەللەردىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن بولغان ۋەقە "مۇ؟ ئۇيغۇر خەلقى راستلا بەختلىك ياشاۋاتامدۇ ؟ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ پارتلىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب قەيەردە ؟

0:00 / 0:00

رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى

يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارلاOpens in new window ]

، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي دېگىنىدەك ئۇنداق تىچ، ئىناق - ئىتتىپاق، باياشات ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇنچە بايلىققا ئىگە تۇرۇقلۇق نامراتلىق، ئىشسىزلىق ئىچىدە، تىرىكچىلىك غېمىدە ئەڭ تۆۋەن ھالەتتىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشاۋاتقانلىقنى، ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك بېسىملارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى تىنالماس ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ خىتاي تەشۋىق قىلغىنىدەك ئۇيغۇرلار باراۋەر قانۇن ئاستىدا،دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىگە، مىللىي تىل - يېزىق، ئورۇپ - ئادەت ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولغان ئاساستا ئەمەس بەلكى ئېغىر زۇلۇم ۋە بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

گۇاڭدۇڭدىكى شاۋگۈەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ خىتاي ئىشچىلىرى تەرىپىدىن ناھەق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىلا ئەمەس، پەقەت بۇ يىل 6 - 7 - ئاي مەزگىلىدىلا ئىستانسىمىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇمى ئىگىلىگەن، يەكەندىكى مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ساقچىخانىدا سوراق جەريانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈئۈرۈلۈش ۋەقەسى، يەكەندە يۈز بەرگەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى نارەسىدە ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ جىنسىي پەسكەشلىك قىلىش قىلمىشى، يەرلىرىنىڭ مەجبۇرى تارتىۋېلىنىپ خىتاي كۆچمەنلىرىگە پارنىك قىلىپ بېرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دەردى... قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىكنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. قېنى بىز شىكايەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ باقايلى.

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى بۇ كۈنلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تەڭسىزلىكلەر ھەققىدە ئوز ھەسرىتىنى مۇنداق بايان قىلغان ئىدى: "بۇلارنىڭ دىنى ئۆزىگە توغرا، مۇقىملىقنى قوغداش دەپ ھەممىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ بايلىقلىرىمىزنى بۇلاپ چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشلارنىڭ قايسى بىرىنى دەپ تۈگەتكىلى بولسۇن. ھازىر قىزلىرىمىز جان بېقىش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ھازىر ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرىۋاتىدۇ."

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى، پەقەت جۈمە كۈندىكى بىر قېتىملىق نامازغا قاتنىشىپ قويغانلىقى ئۈچۈن دەرس ئۆتۈشتىن توختىتىپ قويۇلغىنىغا بولغان ھەيرانلىقىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن ئىدى: "جۈمە نامىزىغا كىرىپسەن بۇ خاتا ئىش دېدى، بۇ يا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئەمەس ئىدى، مېنى تەكشۈرۈش يازدۇردى، ئارقىدىنلا دەرس ئۆتۈشتىن توختىتىپ قويۇشتى."

يېزىلاردا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېرى تارتىۋېلىنىپ، بۇ مۇنبەت يەرلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىۋېتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن تىرىكچىلىك مەنبەسى ئۈزۈپ تاشلانغان دېھقان ئانا ئۆز نارازىلىقىنى مۇنداق بايان قىلغان ئىدى: "مۇنبەت باغلىرىمىزنى يەنە 25 يىللىق توختىمى بار تۇرۇقلۇق تارتىۋېلىپ، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە بەرگۈچە ئۆزىمىزگە قالدۇرسا بولمامدۇ؟ بىر يىللىق توختام تۈزگەن خىتاينىڭ توختامنى بۇزالمايۋاتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ تۈزگەن توختامىمىزنى بۇزماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بىزگىلا قارىتىلغانمىكەن؟ مەن ياشىنىپ قالدىم، قورقۇشۇم يوق دەيمەن بۇ ھەقسىزلىكنى."

ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىكى باغلارنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە سېتىپ بېرىلىپ، بۇ جايلارغا بەزمىخانىلارنىڭ سېلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرۈپ - ئادىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بىر ئۇيغۇر دېھقان ئۆز ھەسرىتى ۋە قايغۇسىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن ئىدى: " ئاڭلىساق بۇ باغلارنى دېھقانلاردىن تارتىۋېلىپ، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتايلار بۇ يەرگە ھور مۇنچىسىغا ئوخشاش بەزمىخانىلارنى سالماقچى ئىكەن، بۇ يەر 300 يىللىق قەدىمىي يۇرت ئىدى، ئەمما ھازىر بۇ يۇرتنىڭ پەركايى ئۇچاي دەۋاتىدۇ."

ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەجبۇرى ھالدا قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلىپ، بالىلارنىڭ ئانا تىل مائارىپى ۋە ئۇيغۇر ئۆرۈپ - ئادەت تەربىيىسىدىن مەھرۇم قالغانلىقى، يېزىلاردىكى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرى مەجبۇرى تاقىلىپ، ئوقۇشسىز قالغان بالىلارنىڭ چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلىقى، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى جەمئىيەت ئۈچۈن ئېغىر بېسىم بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بىر ئۇيغۇر مائارىپچىسى ئۆز نارازىلىقىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن ئىدى: "9 نى پۈتتۈرگەن بالىلىرىمىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسى ئېلىش ئىمكانىيىتى يوق جەمئىيەتكە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئائىلىگىلا ئەمەس جەمئىيەتكىمۇ ئېغىر بېسىم بولدى. ئىشسىزلىق ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك ئاقىۋەتلەر جەمئىيەت ئامانلىقىغىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ."

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا نارازى بولغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي تۈرمىلىرىگە كۆپ قېتىم تاشلانغان بىر ئۇيغۇر خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيەتلىرىنىڭ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە تۇرۇقلۇق ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇملىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى دۇنياغا جاكارلىشىنى ئارزۇ قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: "بۇ يەردە ئۇرۇش بولماي تۇرۇپ ئۆلگەن ئادەملىرىمىزنىڭ سانى كۈرمىڭ، تۈرمىلەرگە كىرىپ كېتىپ، دېرەكسىز يوقالغان ئادەملىرىمىزمۇ نۇرغۇن.دېيىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى خەلقئاراغا جاكارلاش كېرەك.خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى بۇ يەرگە كېلىشى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى كېرەك ئىدى.دەرد تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈشى كېرەك، خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەر كەلسۇن، بىز ئۇلارغا ھەممىنى دەيمىز..."

بىز خىتاينىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى سەۋەبىدىن "ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ كېلىپ چىققانلىق ھەققىدىكى پروگراممىمىزنىڭ داۋامىنى كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا داۋاملىق بېرىمىز.