تىبەت - خىتاي سۆھبىتى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرىغا ئىلھام بەخش ئېتەلمىدى

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېساڭ ياڭكې تاكلا پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاخىرقى سۆھبەت كىشىگە ئىلھام بەخش ئېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.03

 كېساڭ ياڭكې تاكلا خانىم مۇنداق دەيدۇ " بەزى خىتاي رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلار بولۇپمۇ ، تىبەت ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن سۆھبەتنىڭ ئىلھام بەخش ئېتەلمەيدىغانلىقى مەلۇم".

ئۇ، ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى سۆھبەت مەزمۇنىدىن تېخى ۋاقىپلاندۇرۇلمىغانلىقى، لېكىن " خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۆزىدىن ئۇلارنىڭ تىبەت خەلقى چېكىۋاتقان جاپا - مۇشەققەتنى ئاڭلاشنى خالايدىغاندەك قىلمايدىغانلىقى"نى بىلدۈردى. ئۇ بېيجىڭدا ئەمدىلا ئاخىرلاشقان 7 ‏ - نۆۋەتلىك خىتاي - تىبەت سۆھبىتىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى كومپارتىيە مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىننىڭ لودى گيارى ۋە كېلساڭ گيالتسېنلار بىلەن ئۇچراشقانلىقى، دۇ چىڭلىننىڭ "دالاي لاما سەمىمىيىتىنى كۆرسەتسە يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشنى خالايمىز " دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئولىمپىك تەنتەربىيە سارىيىنى زىيارەت قىلغان شۇنداقلا بېيجىڭدىكى بەزى تىبەت مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ھەم تەتقىقاتچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ، تىبەت ۋەكىللەر ئۆمىكى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىن ئايرىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلار دارامسالاغا قايتىش سەپىرىدە ئىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.