شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھاشىمجان سەلەي قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق پوچتىكەشلىك ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان شوپۇردۇر. ھاشىمجان سەلەي ئاساسلىقى 17 يىلىدىن بېرى پامىر ئېگىزلىكىگە قاتناپ كەلمەكتە. ئۇ، بۇ جەرياندا چېگرا قوغداش پونكىتلىرىدىكى ئەسكەرلەر ۋە رايوندىكى چارۋىچىلار ئۈچۈن دورا - دەرمەك يەتكۈزۈش، پۇل ئەۋەتىش، كۆكتات سېتىۋېلىش، رەسىملىرىنى يۇغۇزۇپ بېرىش قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلغاندىن سىرت يەنە 1996 - يىلى تۆت نەپەر خىتاي ئازادلىق ئارمىيە ئەسكىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان ئىكەن. ئەمما خەۋەردە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قانداق قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقى يېزىلمىغان.
ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇ 2005 - يىلى پۈتۈن خىتاي بويىچە 1 - ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن، 2006 - يىلى، "شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 ئادەم" نىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن.
ھاشىمجان سەلەي، 2008 - يىللىق ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈشكە تاللانغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ۋە پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ تاللىنىشىنىڭ قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلب ساداسىنىڭ بېيجىڭغا يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىز 'ھار قىلغان.
بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە بايقۇت ئېلان قىلىشنى جاكارلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى دەخلى - تەرۈزگە ئۇچراتماسلىققا چاقىرماقتا.
