ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى خىتايدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00


ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەت سالمون، ستېف چابوت، دانا روراباكېر، كرىستوفىر سىمىس، ئالەن لوۋېنتال، جوسېف پىتس قاتارلىق 6 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇي تيەنكەيگە مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ يېقىندا تايلاند ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇبىدا،«بىز بۇ مەجبۇرىي قايتۇرۇشنى ئەيىبلەيمىز. خىتاينى، مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز قايتۇرۇپ بېرىلگەنلەر ۋە باشقا بارلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا، 3 - تەرەپنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشقا، ئۇلارنى قوغداشقا ئۈندەيمىز» دېيىلگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇبى تايلاند ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ئاقىۋىتى جىددىي ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

تايلاند ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق»قا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇبى، ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەتنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، مۇساپىرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە يېزىلغان ئىدى.

گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش جەمئىيىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قارشى تۇرۇپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس، تايلادنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىسىنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە يولغا سېلىپ، يەنە بىر قىسمىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، تايلاندنىڭ ھەرىكىتى «ھەقىقەتەن بىزنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى» دەيدۇ.

ئۇ، «بىز مۇساپىرلارنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۇق ۋە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردۇق. مەن بۇرۇن سىزگە ئېيتقان، بىز ئىلگىرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، كېلىپ چىقىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتنى چۈشەندۈرگەنتۇق. نەتىجىدە بىزنىڭ ئېرىشكەن تەسىراتىمىز شۇ بولدى، تايلاند ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلىشقا كىرىشتى. ئۇلار تۈركىيەنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە يولغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە خىتاينى خاپا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى زور خەتەرگە تەۋەككۇل قىلدى» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن، تايلاند ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر كۈتۈنۈش مەركىزىدە سالامەت تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تايلاندنىڭ 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى قاتتىق خەلقئارا ئەيىبلەشكە ئۇچراپ كەتكەندىن كېيىن، تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايغا 5 كىشىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتكەن.

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىگە بىلدۈرۈشىچە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.

تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، تايلاند دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى گېنېرال ئانۇسىت كۇناكورن مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى پاكىز، يىمەكلىك تاۋاقلىرى دىزىنفىكسىيە قىلىنغان. ئۇ يەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن كۆپەرەك كۆتۈنۈش ئورنىغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئۇ يەردىكى ئەھۋالى بىزنىڭ بۇ يەردىكىدىن كۆپ ئەۋزەل ئىدى» دېگەن.

بىراق مەزكۇر تايلاند ئەمەلدارى، خىتاينىڭ 13 نەپەر ئۇيغۇرنى تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەگە ماڭغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ئاخباراتى بەزى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تېلېۋىزورغا چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ «جىنايىتى»نى ئىقرار قىلدۇرغان ئىدى.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى، مانا بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى زور تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، دەپ قارشى چىقىشىمىزدىكى سەۋەب، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ، «خىتاي چېگرىدىن ئۆتۈپ خىتايدىن ئايرىلغان ھەر قانداق ئۇيغۇر ئەر، ئايال ۋە بالىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار، دەپ ئويلايدۇ. خىتايدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىپ كەلدى.

بۇ، خىتاي قانۇنىدا قاتتىق چەكلەنگەن قىلمىشلار بولۇپ، بۇ خىل كىشىلەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىغان تەقدىردە 10 - 20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.»

لېكىن ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتىكى زور قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى نارازىلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەنمەيدىغانلىقى ياكى چۈشىنىشنى خالىمايدىغانلىقى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ، «ئىككى ھەپتە ئاۋۋال بۇ يەردە بىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. گېرمانىيە كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسى ۋە بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاي سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان يىغىنغا مەنمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدىم. ئۇلار بەزى تەتقىقاتچىلارنى تەكلىپ قىلغاندىن سىرت، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش ئەلچىسىنىمۇ تەكلىپ قىلغان. بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار بەزى سوئاللارنى سورىدۇق.

بىراق بىزنى ھەيران قىلدۇرغىنى شۇ بولدى، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا بۇنداق قاتتىق نارازىلىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا بۇنداق قاتتىق ئىختىلاپ بارلىقىنى چۈشەنمەيتتى ياكى چۈشىنىشنى خالىمايتتى. بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.» دېدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇبىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىپ، ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنى بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇلار مەكتۇبىدا، «نۇرغۇن دۆلەتلەر رادىكال تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ خىل تەھدىتنى كۆپتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زوراۋانلىقى ۋە باستۇرۇشىنى يېپىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي چېگرىسى ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىر پاكىت. نۆۋەتتە، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ياكى تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىش خەۋپى ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىدۇر» دېيىلگەن.