10 - ئىيۇل كۈنى تايلاندنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.
تايلاندنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن 10 - ئىيۇل سەھەر يولغا چىققان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار 7 سائەت يول يۈرۈپ پايتەخت بېرلىنغا يېتىپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار، تۈركلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە تايلاند باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، سائەت 15:00 تىن باشلاپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان.
تايلاند ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراق، تۈرك بايراقلىرى ھەمدە «تايلاند توختا! ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمە!» دېگەندەك ۋېۋىسكىلارنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، جاراڭلىق شۇئارلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى 9 - ئىيۇل كۈنى ميۇنخېندا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قوللانغان غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىسىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، تايلاندنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسى بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشكەن. تايلاند ئەلچىسى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن ئۆزلىرىنىڭ يىتەرلىك مەلۇماتى يوقلۇقىنى، راست شۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، بۇ توغرىسىدا تايلاند ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئېنىق بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، د ئۇ ق غا مەلۇمات بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈن نامايىش نەق مەيدانىدىن بىزگە مەلۇمات بەرگەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ يەنە سۆزىدە 10 - ئىيۇل كۈنى گېرمانىيىنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتايغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. بېرلىندىكى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن باش شىتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەر ئەپەندىمۇ ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تەسىراتلىرى ھەققىدە بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.