9 - ئىيۇل گېرمانىيەدە ئىككى جايدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00


تايلاندنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن 9 - ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى جايدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ نامايىشنى د ئۇ ق نىڭ يىتەكچىلىكىدە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىش سائەت 18:00 دە ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ۋە «بەش قىتئە مۇزىيى» ئالدىدا تەڭلا باشلاندى. نامايىشچىلار تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ۋېۋىسكىلارنى ۋە ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرۈشۈۋالغان بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ۋە «بەش قىتئە مۇزىيى» ئالدىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى.

بىز نەق مەيدانغا بېرىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بىلەن قۇرۇلتاي دىنىي ئىشلار بۆلۈمى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىملارنى، يەنە «بەش قىتئە مۇزىيى» ئالدىدىكى نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ۋە قۇرۇلتاي نەشرىيات - تەشۋىقات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.