«بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» فىلىمىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يەنە تىلغا ئېلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013.09.20
boriler-wadisi-turkiye-polat-elemdar-305.png «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» فىلىمىنىڭ باش رولچىسى پولات ئەلەمدار
RFA/Arslan

تۈركىيەدە 10 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ بۇ پەيشەنبە كۈنىدىكى قىسمىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يەنە تىلغا ئېلىندى.

«بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ 197 - قىسمى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى كەچتە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلىدىن بىرى بولغان «A TV» تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ قىسمىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» ناملىق بۇ فىلىم تۈركىيە ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىدە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى شۇ ھەپتە ئىچىدە ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ فىلىمنى قىزىقىپ كۆرۈۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا تۈركىيەگە تاشقى دۆلەتتىن كېلىدىغان خەۋپ ۋە تەھىتىدلەرگە قارشى تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىنىڭ مەخپىي ھەرىكەتلىرى تەسۋىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

بۇ فىلىمدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

«بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» ناملىق فىلىمدە ئالىپتېكىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر رول ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ فىلىمىنىڭ ئۆتكەنكى قىسىملىرىدا ئالىپتېكىن ئۆزىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئىسكەنجە كۆرگەنلىكىنى ئاڭلاتقان ئىدى ۋە سۈرىيە تۈرمىسىدە يېتىپ قالغاندا، سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىسكەنجىسى ئېغىرمۇ خىتاينىڭ ئىسكەنجىسى ئېغىرمۇ دەپ سورالغان ئىدى.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئالىپتېكىن ئىسىمدا رول ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش، فىلىمدە، خىتاينىڭ تۈرمىگە قامىغان ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئىسكەنجە قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

تۆۋەندە بىز «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ 197 - قىسمى يەنى بۇ پەيشەنبە كۈنى كەچتە تارقاتقان قىسمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار بۆلۈمىدىن ئارىيە تەقدىم قىلىمىز.

فىلىمنىڭ باش رولچىسى پولات ئەلەمدار بۇ فىلىمدە دۆلەت بىخەتەرلىكنى قوغداش مەخپىي تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بولۇپ چىقىدۇ، ئۇ مەخپىي يىغىن ئېچىپ تەشكىلات ھەيئەت ئەزالىرى بىلەن تۈركىيە ۋە دۇنيا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

پولات ئەلەمدار سۆزىنىڭ بېشىدىلا، «شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى قانداق؟» دەپ سورايدۇ، بۇنىڭغا تۇغرۇل ئەپەندى ناملىق كىشى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

تۇغرۇل ئەپەندى: - شەرقىي تۈركىستاندا، تۈرك قىرغىنچىلىقى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھالدا ئەمەلىيلىشىدۇ. بۇنىڭ تەك چارىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاز - ئازدىن تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش.

پولات ئەلەمدار: - مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن، شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى «بۇفىر رايونى قىلىش» يەنى دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇش بولغاندا ئىككى تەرەپتىن ئېتىراپ قىلىنىپ ئۇرۇش بولمايدىغان بىخەتەر رايون قىلىش ۋە يەر ئاستى بايلىق جەھەتتە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى تۈركىيەگە كەلتۈرگەن تەقدىردە شەرقىي تۈركىستاننى ئەبەدىيلىك يوق قىلغان بولىمىز.

فىلىمنىڭ داۋامىدا يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار، زۇلۇمنى توختىتالايدىغان كۈچنىڭ پەقەت تۈركىيە دەپ قارايدىغانلىقى دېيىلگەندە، پولات ئەلەمدار مۇنداق دەيدۇ: - تۈركىيە ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى پۈتۈن كۈچىنى ئەتراپتىكى خەلقىنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قوللىنىۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ قىلىدىغان ئىشىمىز بار.

بىز، «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» فىلىمىدە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى توغرىسىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ فىلىمنى ئىستانبۇلدا كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

فىلىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بۆلۈمىدىن ئارىيە تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز.

https://www.youtube.com/watch?v=_tUs6ReoRDU

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.