خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارادىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىدى. ھالبۇكى مىسىردىكى بەزى تەشكىلاتلار بولسا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
ئۆتكەن ھەپتىدە مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىندى. بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار مەلۇماتلار ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىر تەۋەسىدە داۋاملىق رەۋىشتە تۇتقۇن ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۈن-سىن ئۇچۇرلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق داۋاملىق مەلۇم بولۇۋاتقان بىر ئەھۋالدا، مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات مەركىزى ھەمدە بەزى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئېلان قىلغان باياناتلىرى بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكار قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بولۇپمۇ،مىسىر ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «ئوتتۇرا شەرق خەۋەر ئاگېنتلىقى» دا نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامانلىق خادىمى «ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگىنى يوق» دېگەن ئىدى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مىسىردا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋال خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم زور غۇلغۇلا قوزغىدى. ئىلگىرىكى يىللاردا خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ ھەرقاچان ئېغىر جازالارغا دۇچ كەلگەنلىكى خەلقئارا جامائەتكە سىر بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى بۆلۈمى ۋە خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى تېزدىن ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، مىسىرنىڭ سابىق باش مۇپتىسى، ئەل ئەزھەرنىڭ ھازىرقى باش ئىمامى ئەھمەد ئەل تەيىبكە ئوچۇق خەت يوللىدى.
ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا يېزىلغان مەزكۇر خەتتە، ئۇلار ئىمام ئەھمەد ئەل تەيىبتىن مىسىر ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشنى توختىتىش، قولغا ئېلىنغانلارنى خىتايغا قايتۇرۇشتىن توسۇپ قېلىش توغرىلىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىلغان. خەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «خۇددى سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك، بۇ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ غەربىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلاردۇر. خىتاي ھازىر ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› دېگەن نىقاب ئاستىدا ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھەمدە باشقا ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلماقتا. سىز ئىزچىل شىنجاڭدىكى زۇلۇملارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدىڭىز، شۇنداقلا ‹ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ھەرقانداق شەكىلدىكى زۇلۇمغا، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە خۇسۇسىي ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرگە قارشى تۇرىمەن› دەپ جاكارلىغان ئىدىڭىز. شۇڭا سىزنىڭ بۇ قېتىم يەنە بىر نۆۋەت ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىڭىزنى سورايمىز.»
خەتنىڭ ئاخىرىدا ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا كامبودژا، تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق مەملىكەتلەردىن مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھازىرغىچە نامەلۇم بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھەمدە بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش تەقدىرگە مۇپتىلا بولۇپ قېلىشىغا بولغان ئەندىشە بىلدۈرۈلگەن.
10-ئىيۇل كۈنى «ياۋرو-ئاسىيا كۆزنىكى» مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىدە مىسىردىكى بۇ ئەھۋاللارنىڭ بەزى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى بېرىلدى. ئۇنىڭدا ئىلگىرى مىسىردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ خىتايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىردا تۇرۇپ قالغانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۆتكەن يىلى مىسىر بىلەن خىتاينىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىقلىرى بىرلىكتە ئىمزا قويغان «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەققىدىكى كېلىشىملەرنىڭ روھى بويىچە بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باش ئىمامىغا يوللانغان ئوچۇق خەتنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى، «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىش ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىدە ئەڭ ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك مەسىلىنىڭ گۇمان ئاساسىدىكى ھۆكۈم ئەمەس، بەلكى دەلىل-ئىسپات بىلەن كۆرسىتىشكە بولىدىغان ئەمەلىيەت بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«كۆپ قىسىم ئەھۋالدا ‹ئەسەبىيلىك› ۋە ‹تېررورلۇق› ئاتالغۇلىرى سۆزلىگۈچى شەخس ياقتۇرمايدىغان بەزى پەۋقۇلئاددە قاراشلارنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. ئەمما قانۇنىي مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز بولۇۋاتقاندا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەھىم يەيدىغان نەرسىلەر بۇ خىلدىكى ئاتالغۇلار ئەمەس، ئەكسىچە كىشىلەر ئاشۇ ئاتالغۇلاردا ئېيتىلغان ئىش-ھەرىكەتلەرگە راستىنلا ئىشتىراك قىلدىمۇ-يوق، شۇ ئاساستا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بىرەر زورلۇق ھەرىكىتىگە ياكى جىنايى قىلمىشقا چېتىلىپ قالدىمۇ-يوق دېگەنلەر بولۇشى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق جىنايەتلەرگە ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇشى لازىم. يەنى بۇ باشقىلارغا قارىسىغا قالپاق كىيدۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىش-پائالىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم چىقىرىش ئاقىلانىراق بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. شۇنداق بولغاندا، بۇ كىشىلەرنىڭ ئاشۇ خىلدىكى زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاشقا ھەمدە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات بولمىغان ئەھۋالدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئۇچرىغان يەردە قولغا ئېلىشقا ھەققى بولمايدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئوقۇغۇچىلارنى دەرھال قويۇپ بېرىلىشى لازىم، دەپ قارايمىز.»
مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 8-ئىيۇل كۈنى جىددىي بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇشىغا بولمايدىغانلىقى، ئەگەر قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ خىتايدا ئېغىر جازالارغا ۋە قىيناققا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ساراھ ۋىتسۇن باياناتتا مۇنداق خىتاب قىلىدۇ: «مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشنى توختىتىشى لازىم. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ جازاغا ۋە قىيناققا ئۇچرىشى ئېنىق بولغان بىر مەملىكەتكە ئەۋەتىلىشى دەرھال بىكار قىلىنىشى كېرەك. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە قانداق مەۋقەدە بولۇشى ئۇنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئېگىش-ئەگمەسلىكى، شۇنىڭدەك خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قېلىش-قالماسلىقى ھەققىدىكى بىر مەيدان سىناقتۇر.»
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىسىردا دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىمۇ تېگىشلىك ئىنكاسلارنى قوزغىغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا بۇ ھەقتە بىر قېتىملىق مۇزاكىرە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ مۇدىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، يىغىن ئەھلىگە مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۆزى قاتناشقان يىغىن ھەققىدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى بىز بىلەن ھەمبەھىرلىدى.
ئامېرىكىدىكى «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساندرا جوللېي خانىم مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسى ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنىڭدا خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان دۇنياۋى مىزانلارنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىل ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى بارغانسېرى ئايدىڭ بولۇۋاتىدۇ. بۇ خىل ئېشىش ھازىر ئۆلكە تەۋەسىدە روياپقا چىقماقتا، شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى جايلاردىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ھالا ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارالىق سورۇنلارغا قاراپ سىلجىپ، ئۆزىنىڭ رەزىل ئۇرۇنۇشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىز ھازىر بۇلارنى كۆرۈۋاتىمىز. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بىر سۈننىي مۇسۇلمان دۆلىتى تۇرۇپ، خىتاي بىلەن بۇ دەرىجىدە ھەمتاۋاق بولۇشى ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئەمەس. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكىلەر بولسا بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنداق رەزىللىكنى بىز ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان، دېيىشىۋاتىدۇ. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى خاتا، دېيەلمەيمىز. شەخسەن مېنىڭ پىكرىمنى سورىسىڭىز، مېنىڭچە بىز (ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ) باش ئىمامىغا تېلېفون قىلىشىمىز لازىم. بىز بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ بەكمۇ زور تەسىرگە ئىگە بىر زات. ئۇ ھازىر ئەل ئەزھەرنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى. ئۇ بەكمۇ داڭلىق بولغان ئاشۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوغداشتا ئازدۇر-كۆپتۇر رول ئوينىشى لازىم. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل پاناھلىق مەسىلىسىدە مۇئەييەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. چۈنكى، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ھەرىكەتلەر. چۈنكى، مىسىر ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلەر ئەمەلىيەتتە خەلقئارالىق قىيناققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. بۇ ئەھدىنامىلەردە تۈرمىگە تاشلىنىش، قىيناققا مۇپتىلا بولۇش، ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇش قاتارلىق تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان شەخسلەر قوغدىلىشى ھەمدە ئاشۇ خىل تەقدىر ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان جايغا قايتۇرۇلماسلىقى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان مۇقىملىشىپ بولغان قائىدىلەر بولۇپ، دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان، شۇنىڭدەك 1940-يىللاردىكى ‹دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى› دە ئېنىق بەلگىلەنگەن. مۇشۇ خىتابنامىلار، ئەھدىنامىلەر ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھاپىزەتكە ھەمدە ئىززەت-ھۆرمەتكە ھەقدارلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مىسىر ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي يوسۇندا مىسىر ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇپ بولغان بولۇپ، قالغانلىرىنى يەنە تۈركۈملەرگە بۆلۈپ قايتۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. تۇتقۇندىن قېچىپ يۈرگەن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ مىسىردىن باشقا ياققا كېتىش يولىدا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بولسا بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا.
0:00 / 0:00