مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، دۈشەنبە كۈنى مىسىر ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ باش ئىستىخبارات ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ مىسىردىكى ئالاقىدار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئاشكارىلىشىچە، ھازىر تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرلار مىسىر باش ئىستىخبارات ئىدارىسى-ئەل مۇخاراباتنىڭ قاھىرەدىكى باش شتابىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. مىسىردىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر ئوقۇغۇچى، تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى چارشەنبە كۈنى ئاز دېگەندە 73 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مىسىر باش ئىستىخبارات ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئوقۇغۇچى: شۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى باش مۇخارابات مەركىزىدە ئىكەن. بىزنىڭ ئادۋوكات ئاخشام خەۋەر قىلدى ماڭا. ئاشۇ يەردە ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى دەڭا. ھازىر تۇتقۇن بالىلارنىڭ ھەممىسىنى شۇ يەرگە يىغىپتۇ.
مۇخبىر: يىغىۋالغانلار جەمئىي قانچە بالىكەن؟
ئوقۇغۇچى: ئۇ سانىنى ئۇقمايمىز ئاكا، قانچە بالا بارلىقىنى. بىزنىڭ باشقا ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا 200 گە يېقىن بالا بار ئىدى. بۇرۇن كىرگەن بالىلار بىزگە خەت يېزىپ چىقىرىپتىكەن. بىزدىن تۇتۇلغان بالىلار 73، دەپ.
مۇخبىر: بۇ ساقچىخانىدىن چىقارغان خەتمۇ ياكى ئۇلارنى ئىستىخباراتنىڭ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن چىقارغان خەتمۇ؟
ئوقۇغۇچى: ياق، ساقچىخانىدىكى ۋاقتىدا چىقارغان خەت. ساقچىخانىدىكى ۋاقتىدا مەن يوقلىغىنى بارغان ئەمەسمۇ. يوقلىغىلى بارغان ۋاقتىدا، ئاكا بىز 73 بالا تۇتۇلغانتۇق، بۆلۈۋەتتى بىزنى ئۇياق-بۇياققا، دەپ خەت يېزىپتىكەن.
مۇخبىر: ئۇلار تۇتۇلغان بالىلارنى جەمئىي 73 دەپتۇ، قالغان 25 بالا نەگە كەتكەندۇ ياكى قەيەرگە سولانغاندۇ؟
مۇخبىر: شۇ ھازىر، 25 بالىنى بىر يەرگە، 48 بالىنى بىر يەرگە سولاپتىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر -بىرىنىڭ قەيەرگە سولانغانلىقىنى، 25 بالىنى نەگە ئەكەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ھېچقايسىسى بىلمەيدۇ. بىر-بىرىنىڭ يېرىنى پەقەت مەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق 40 نەچچە بالىنىڭ تىزىملىكىنى تاپقانتىم. كېيىن بىر ساقچىخانىغا بارسام، 20 نەچچە بالىنى باش مۇخارابات مەركىزىگە ئېلىپ كەتتۇق، دەپ خەۋەر قىلدى. لېكىن بىزنىڭ ئادۋوكات بۇ گەپنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ئىككىلىنىپ قالغان. ئەمدى بۇ گەپنىڭ توغرىلىقى رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقتى.
مۇخبىر: ھۆكۈمەت ئۇ ئادۋوكاتقا نېمە ئۈچۈن بۇ بالىلارنى نورمال ساقچىخانىدىن ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەركىزىگە يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپتىمۇ؟ يەنى بۇنىڭ سەۋەبىنى؟
ئوقۇغۇچى: ئادۋوكاتقا ئوچۇق بىر نەرسە دېمىگەن گەپ. ساقچىلارمۇ دەپتۇ، بىزمۇ بىلمەيمىز بۇلارنىڭ ئىشىنى. بۇلارنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوقكەن، نېمە ئۈچۈن تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىزمۇ بىلمەيمىز، دېگەن گەپ.
مۇخبىر: ھازىر ئادۋوكات نېمە دەيدۇ، قانداق قىلىمىز بۇنى دېگەن گەپكە؟
ئوقۇغۇچى: ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشتۈم. كۆرۈشسەم ئاخشام ئازراق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپتۇ. بالىلارنىڭ ئاشۇ ئىستىخبارات مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىپتۇ. بۇنى خەۋەر قىلغان ئادەممۇ بەك دىققەت بىلەن خەۋەر قىلغان ئوخشايدۇ، ئەنسىرەپچۇ.
مۇخبىر: نېمە دەيدۇ ئەمدى ئادۋوكات؟ قانداق قىلىمىز دەيدۇ؟ ساقلايمىز دەمدۇ ياكى مۇنداق بىر ئىش قىلىمىز دەمدۇ؟
ئوقۇغۇچى: ئادۋوكات 1-2 كۈن تۇتۇپ تۇرايلى دەيدۇ. بۇنىڭ بىر نەتىجىسى چىقىدۇ. نەتىجىسى چىققاندا شۇنىڭغا قارىتا بىر نېمە قىلمىساق، ھازىر بۇلار قانۇن -پانۇن دېگەننى بەك تونۇپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇلارنىڭ چىقارغان يەكۈنىگە قارىتا بىز ساقلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك، دەيدۇ.
مۇخبىر: خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇنىڭغا ئارىلاشقانلىقى توغرۇلۇق ھەرقانداق بىر ئۇچۇرىڭىز بارمۇ؟
ئوقۇغۇچى: مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، ھېلىقى باش ساقچى بىزنىڭ ئادۋوكاتقا دەپتىكەن، كونسۇلدىن كېلىپ رەسىمگە تارتىپ كەتتى، دەپ، بالىلار ساقچىخانىدىكى ۋاقتىدا. ھەتتا مەن كۆرۈشكەن باش ساقچىمۇ دېگەنتى، كونسۇلدىن كەپتىكەن، بالىلارنى ئەكىتىمىز، دەپ. بىر، ئىككى بالىنى تەلەپ قىپتىكەن. ئەكىتىمىز دېگەن ۋاقتىدا ساقچىلار بەرمەپتىكەن.
ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، نېمە ئۈچۈن بۇ بالىلارنى ساقچىدىن ئىستىخبارات ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. بۇ ھەممە ئادەم دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە؟
مۇخبىر: مەن مەن بۇ گەپنى شۇ كۈنىلام سورىغانتىم، ئادۋوكات بىلەن بىرگە كېتىۋېتىپ. نېمە، دەپ بۇلارنى ئۇلار تۇتۇۋالىدۇ، دېسەم، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇلارنى ساقچىنىڭ تۇتمىدى، ئىستىخباراتنىڭ تۇتتى. ئىستىخباراتنىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنى نورمال قويىدىغان يەر تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ساقچىخانىغا ئاپىرىۋەتكەن. ساقچىخانىغا ئاپارغاندىن كېيىن بۇلارنىڭ ھەممە ئىشى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنى پۈتۈن دۇنيا بىلىپ كەتتى. پۈتۈن دۇنيا بىلىپ كەتكەندىن كېيىن بۇنى يىغىشتۇرۇپ بولالماي، ساقچى ئىدارىسى ئىستىخبارات دائىرىلىرىگە دېگەن گەپ، بۇ ئىشنى يىغىشتۇرساڭ يىغىشتۇر، قويۇۋەتسەڭ قويۇۋەت، بىزنى ئاۋارە قىلما، دېگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئىستىخبارات بۇلارنى ئۆزىمىز تۇتۇق، ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلايلى، دەپ يىغىۋالغان بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ. بۇ خەلقئارا غۇلغۇلا قوزغالغاندىن كېيىن، بەلكىم قويۇپ بېرىش ئېھتىماللىق جىقراق، دەيدۇ.
مۇخبىر: چۈنكى، ئۇلارنى دوكۇمېنتسىز، ئىقامەتسىز، دەپ تۇتقۇن قىلغان بولسا، ئۇلارنى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ياكى ساقچىنىڭ چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
ئوقۇغۇچى: يەنە بىر گەپنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بالىلارنى ھېلىقى ئايرودرومدا يېڭى تۇتقان ۋاقتىدا، شۇ يەردىكى ساقچىلار دەپتۇ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىلىقىدىكى سىياسىي مەسىلە، بىز ئارىلىشالمايمىز. سىلەرنى قويۇۋېتىمىز-قويمايمىز، دەپ بىز قارار قىلالمايمىز. يۇقىرىدىن بۇيرۇق كەلسە، بىز شۇنىڭغا قاراپ قويۇۋېتىمىز، دەپتىكەن. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيمىز، دەپ. غەردەقەدە بىر ئېغىر ئاياق ئايال بىلەن يەنە بىر قېرىراق ئايالنى تۇتۇۋالغان. مېنىڭ غەردەقەدە يېقىن بىر ئاغىنەم بار ئىدى. ئۇنىڭ تاغىسى غەردەقەدىكى پۈتۈن ساقچى ئورگانلىرىنى باشقۇراتتى. شۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشكەنتىم، كۆرۈشسەم، بۇلارنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوق، پەقەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىلىقىدىكى سىياسىي مەسىلە، قويۇۋېتىمىز، ئەمما قاچان قويۇۋېتىشنى بىز بىلمەيمىز، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىكەن، بۇنىڭغا بىز ئارىلىشالمايمىز، دېگەن ئىدى.
لېكىن خىتاينىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىگە ئاشكارا ئىنكاس بىلدۈرۈپ باقمىدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلغان قىسقا باياناتىدا، مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھۆججەتسىز كىشىلەرنى تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىز قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ۋەقەدە ئەلچىخانىنىڭ قولى بار-يوقلۇقىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئەلچىخانىنىڭ خادىمى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق بىر ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. ئۇلار مىسىر دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەر قانداق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇشى ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش، ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپىگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مىسىر ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ھۈسەئىن بايۇن تۈنۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇشىدىكى مەقسىتى كىشىنى بەك ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلغاندىن بۇيان، ئۆزلىرىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى قايتۇرۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارغا يۈرگۈزۈشكە باشلىشى كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. بىز ئىلگىرى مىسىردىن قايتۇرۇپ كەتكەن بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېلوسىدىن، ئۇلارنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار. ئۇلار بۇ كىشىلەرنى ئاتالمىش رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، دېگەن بىر ئەخمىقانە باھانىگە سېلىپ جازالاپ كەلدى. قىسقىسى، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن نۇرغۇن، نۇرغۇن كىشىلەر مەھكىمىدە ئادالەتسىز سوتلىنىپ، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىپ كەلگەن.
0:00 / 0:00