مىسىردا ئامالسىز دالدىلىنىپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار چىقىش يولى ئىزدىمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-08-23
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
مىسىردىكى مەلۇم مۇخبىرنىڭ ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قېچىپ يۈرگەن ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغان سىن كۆرۈنۈش.
مىسىردىكى مەلۇم مۇخبىرنىڭ ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قېچىپ يۈرگەن ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلغان سىن كۆرۈنۈش.
Social Media

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاپەتلەر ۋە توقۇنۇشلاردا زىيانغا ئۇچرىغانلارغا يەر شارى خاراكتېرلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىلانىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئورگان. بۇ ئورگاننىڭ مىسىردىمۇ مەخسۇس ئىشخانىلىرى بار بولۇپ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پائالىيەتچىلەر، مىسىردا قېچىپ يۈرگەن، ياردەمسىز قالغان مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتلىرىدىن پاناھلىق تىلەشنىڭ كۈتۈلمىگەن خەتەردىن قوغدىنىشنىڭ يەنە بىر يولى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تۇتقۇن ھەرىكىتىدىن بۇيان 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تۈرمىلەردە. تۇتقۇندىن قېچىپ مىسىرنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە داۋاملىق يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۇيغۇرلاردىن رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلار دالدىلىنىپ تۇرۇۋاتقان بىر يېرىم ئايدىن بۇيان قول ئىلكىدىكى ئىقتىسادىمۇ تۈگەپ قالغان، تۇرارغا پاناھلانغىدەك مۇقىم يېرى يوق. كېتەي دېسە ئايرودروملار قامال قىلىنغان، ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماقتا.

بىز بىلەن يېقىندا ئالاقە باغلىغان بىر ئوقۇغۇچى، مىسىردا قېچىپ يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىلگىرى يەنىلا ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قورققىنىدىن، ئاتا ‏- ئانىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنىدا بولغىنى ئۈچۈن ۋە يەنە مىسىر ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىپ قېلىشىدىن ئۈمىد كۈتكىنى ئۈچۈن داۋاملىق ئۈنسىز يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكەنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن بىر ئۈمىد، قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش يولى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر قانداق پاناھ ئىزدەش مۇمكىنچىلىكلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوقۇغۇچى يەنە، قېچىش مۇمكىنلىكى تۇرۇپمۇ مىسىردىن ھازىرغىچە ئايرىلمىغانلارنىڭ ھەر تۈرلۈك سەۋەبلىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەزىلىرى مىسىر تۈرمىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن قېرىنداشلىرىغا قىيمىسا، بەزى ئاياللار تۈرمىلەردىكى ئەرلىرىگە تارتىشىپ، يەنە بەزىلىرى پۇلسىز قالغانلىققا ئوخشاش ئوخشىمىغان سەۋەبلەردىن مىسىردا داۋاملىق يوشۇرۇنۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر كۈنگە قېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

مىسىردىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نۆۋەتتە خەلقئارادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئىلگىرى بىر قىسىم تەشكىلات رەھبەرلىرى مىسىردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىدىن پاناھلىق تىلەش يولىمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ مىسىرنىڭ قاھىرە ۋە ئالكساندىرىيا شەھىرىدە مەخسۇس ئىشخانىسى بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە، مىسىردا ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش باشلانغاندىن بۇيان مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەرلىك ئادۋوكاتلار ياردىمىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ، پاناھلىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان، ئەمما بۇ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ قايسى تۈردىكى ياردەمگە ئېرىشەلىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا باشقا دۆلەتلەرگە كېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم، ئەمما يەنە شۇنداقلا تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇساپىرلار ئىشخانىسى تەسىس قىلىنغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە، ئۇيغۇرلار يەنىلا بۇ ئورۇنغا قانداق ۋە قايسى يوللار بىلەن ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، بۇ ھەق ۋە ھوقۇقىنىمۇ قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ئىنكاسلار بار.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، مىسىردا تۇرۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار كومىتېتىغا پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇش ئۈچۈن، يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ياكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يەرلىك تەشكىلات ۋە ساھەلەرنىڭ ياردىمىنى ئىزدەپ، بىۋاسىتە ئالاقە قىلالمىغان تەقدىردە ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىۋاتقان ھېسداشلىق قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى پېتېر ئېرۋىن ئەپەندى، مىسىردىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە، تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە مىسىردىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل يوللاردا ياردەم يەتكۈزۈش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئېنىق بىر نەتىجە بولمايۋاتقان شارائىتتا، يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا قالغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىدە ئىكەنلىكى. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى بىلەن ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە ياكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەن، ھېچقانداق ياردەمگە ئىگە بولالمىغان تەقدىردە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلەشنىڭمۇ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىر يولى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ، ئىلتىماسى قوبۇل بولۇپ، مۇساپىرلار سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ ھەقتىكى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى، تەلەپلەرنى ياخشى چۈشىنىپ تەييارلىق بىلەن كىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى ۋە يەنە مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشنىڭمۇ مۇھىملىقى، بۇنداق بولغاندا، پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل بولۇشىدا، سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشتا يەنە بىر ماتېرىيال تۇرغۇزغان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەسمىي بولمىغان ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئۆزىدىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۈچىنچى دۆلەتكە كېتىشنى كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 200 ئەتراپىدا ئىكەن. بىز ئىلگىرىكى پروگراممىمىزدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىشخانىسىغا پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇش يوللىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.

ئىلگىرى مالايشىيادىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىدىن پاناھلىق تىلەپ، 3 يىل كۈتۈش ئارقىلىق ئاخىرى ئامېرىكىغا كەلگەن، ھازىر ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقان ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار كومىتېتىغا پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇش تەرتىپ ۋە بەلگىلىمىلىرى ھەر قايسى ئەللەردىكى شۆبىلەردە ئوخشاش تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىقنىڭ ھەر قانداق شەرتىگە چۈشىدىغانلىقىنى، ئەمما پاناھلىق ئىلتىماسى تاپشۇرۇپ قوبۇل بولغۇچە كېتىدىغان ۋاقىت ۋە شەرتلەردە دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلەر بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى، گەرچە بۇ ئورگاندىن پاناھلىق تىلەش پەقەتلا چىقىش يولى تاپالمىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر تاللاش بولسىمۇ، پاناھلىق تىلەش بىلەنلا پۈتۈنلەي بىخەتەر بولدۇم دەپ ئويلىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت