مىسىردا 2017-يىلى 4-ئىيۇل ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 13-سېنتەبىردىن باشلاپ قويۇپ بېرىلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، مۇختەر روزى قاتارلىق 16 ئوقۇغۇچىدىن تېخىچە خەۋەر يوق. «ئەلقۇدسۇلئەرەبى» گېزىتىدە 7-ئۆكتەبىر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلىندى. ھالبۇكى بىز ئىزدىنىش جەريانىدا غايىب ئوقۇغۇچىلارنىڭ 16 دىن كۆپ ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولدۇق. بىز مىسىردا زادى قانچەيلەن قامىلىپ، قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچراپ، قانداق قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە قانچەيلەننىڭ غايىب ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن سابىق تۇتقۇنلاردىن مەلۇمات ئالدۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىككى ئوقۇغۇچى سېنتەبىردە ئازاد قىلىنغان بولۇپ، سۈگۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يارىدىمى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن. ئۇلار ھازىر نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن بولدۇق، تۈركىيەدە قانداق ياشايمىز، كەلگۈسىمىز زادى نەدە دېگەن جاۋابسىز سوئاللارنىڭ قورشاۋىدا.
1. بىزنى دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تۇتتى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت مەسىلىسىنى نىسبەتەن ئاسانلاشتۇرغان 2016-يىلى 23 ياشلاردىكى بۇ ئىككى ئۇيغۇر ياش مىسىرغا ئوقۇشقا چىققان. ئۇلار ۋەتەندە قالغان ئوماق پەرزەنتلىرى ۋە ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىش دەردىدە ئاران تۇرغان مەزگىلدە خىتاي يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ قايتىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. ئەزھەردىن تەلەپ بويىچە قايتىپ ئاتۇش ۋە كورلىغا كەتكەن ئوقۇغۇچىلار دۇچ كەلگەن پاجىئەلەر، بولۇپمۇ كورلا بەشئاۋاتلىق ياسىنجان ۋە ئابدۇسالام مۇھەممەتلەرنىڭ تىرىك تۇتۇلۇپ ئۆلۈك چىقىشى ئۇلارنى ۋەتەنگە قايتىشتىن توسۇپ قالغان.
ھالبۇكى، ئۇلار خىتايدىن قۇتۇلغان بىلەن مىسىردا تۇتۇلغان. مىسىرنىڭ ئەسكەر ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك جايلاشقان قاھىرەنىڭ 7-رايۇنىنى ئوۋلاققا ئايلاندۇرغان. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى ئىشكەللەپ خۇددى مىسىرنى ۋەيران قىلغان جىنايەتچىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك سۈر كۆرسەتكەن، زوراۋانلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ قولىدىكى پۇل ۋە ئۈزۈكلەرنى بۇلىۋالغان.
2. خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى سوراققا ئارىلاشتى
4- ئىيۇل ئوۋلانغان 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىسمۇل ئاۋۋال دېگەن ساقچىخانىغا يىغىلغان. تۇتۇلغانلارنىڭ قاتارىدا تۇڭگان ۋە سالارلار بولۇپ ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ «قارىسىغا» كەتكەنلەر ئىكەن. خىتاي ئەلچىخانىسى قۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى باي كېجىڭ ۋە ئۈچ خىتاي قاماققا يئېمەكلىك يەتكۈزگەن بولۇپ ئۇيغۇرلارنى رەسىمگە تارتقان ۋە سوراق قىلغان. مىسىر ساقچىلىرى قىلغان سوراقنى ئۈچ خىتاي سىنغا ئالغان. سوراقتا ناماز ۋە «قۇرئان» ئوقۇش ھەققىدە سورالغان، ئىقامەت ھەققىدە سوئاللار تەخمىن قىلىنغان بولسىمۇ سورالمىغان. ئۇيغۇرلار رەسىمگە تارتقان باي كېجىڭدىن باشقا ئۈچ خىتاينىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن. ئۇلار بۇ خىتايلارنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن.
5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار كامېرلارغا سولىنىپ تاياق يېگەن ۋە مىسىرلىق مەھبۇسلارنىڭ قوپاللىقىغا، بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار كامېر ھەققى تاپشۇرۇشقا زورلىنىپ ئازارلانغان. تۇتقۇنلار ئارىسىدا ھەتتا يېشى كىچىك بالىلارمۇ بولغان.
7-ئىيۇل تۇتقۇنلار ئوننەچچىدىن گورۇپپىلىنىپ قاھىرەدىكى ھەر قايسى ساقچىخانىلارغا بۆلۈۋېتىلگەن. ئۇ يەردە ساقچىلار ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى پەقەت دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن بۇيرۇق كەلسە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەپسۇس، 11 كۈندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مىسىرغا سېسىق نامى پۇر كەتكەن تورا تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن.
3. ئۇيغۇر خادىم سوراق قىلدى
18-ئىيۇل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 94 كىشى تورا تۈرمىسىگە كەلتۈرۈلۈپ بىر كامىرىغا 50، يەنە بىر كامىرىغا 44 قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تۈرمىدە ساقچىلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي ئەلچىخانىسىدىن بىر خادىم كېلىدىغانلىقىنى، ياخشى ماسلىشىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان. سوراققا بىر ئۇيغۇر خادىم كەلگەن. تۇتقۇنلاردىن 15-16 دەك ياش ئوقۇغۇچى كۆزى تېڭىلغان ھالدا چاقىرىلىپ سوراق قىلىنغان. ئۇلاردىن ئابدۇۋەلى ھەسەن (كورلا) مۇھەممەت ئەخمەت (قەشقەر)، نۇرمەمەت ئوبۇل (قەشقەر)، ئابدۇرەقىپ (كۇچا)، مەخمۇت ھاجىم (خوتەن) قاتارلىقلاردىن ھازىرغىچە ھېچ بىر خەۋەر يوق.
ئۇيغۇر سوراقچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسىنى، مەكتەپتىن سىرتقى دەرسلەرنى ئالغان ئالمىغانلىقىنى سورىغان. ئەمما ئۇيغۇر سوراقچى سۈرىيەدىكى قوراللىق تەشكىلاتلارغا دائىر سوئاللارنى سورىمىغان. مىسىردا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يوق تۇرۇپ بۇ ھەقتە نېمە ئۈچۈن سوئال سورالدى؟ زادى بۇ مەسۇملار نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلدى؟
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۇتۇلغاندىن باشلاپ قويۇپ بېرىلگىچە زادى نېمە جىنايەت بىلەن قامالغانلىقى نائېنىق بولغان. پەقەت ئەلچىخانا ئادەم ئەۋەتسە ياكى دۆلەت بىخەتەر ئورگانلىرىدىن بۇيرۇق كەلسە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى توختىماي تەكىتلەنگەن.
31-ئاۋغۇست كۈنى ئەللىك كىشى ياتقان كامىرىدىن 27 كىشى تۇيۇقسىز يۆتكەپ كېتىلگەن. بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بەزىسى قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ 16 ئوقۇغۇچىنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە خەۋىرى يوق.
4. ئۇلارنىڭ ئىسمىلا مۇسۇلمان ئىكەن
ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مىسىر ساقچىلىرى ۋە مەھبۇسلىرىنى مۇسۇلمان سۈپىتىدە كۆرۈپ ئۈمىد كۈتكەن. ئەمما ئەكسىچە ئۇلار قىستاڭ كامىرىدا، ھور مۇنچىدەك سېسىق موھىتتا كېپەك نان يەپ ئۆتكەن، سۇسىز ۋە داۋالاشسىز قېلىپ قىينالغان.
31-ئاۋغۇست ۋە 2-سېنتەبىر ئوقۇغۇچىلار تورا تۈرمىسىدىن قويۇۋېتىش ۋەدىسى بىلەن ئېلىپ چىقىلىپ يەنە ھەر قايسى ساقچىخانىلاردىكى كاتەكتەك قاراڭغۇ كامېرلارغا قاماپ قويۇلغان. بۇ يەردە ئۇلار ساقچىلاردىن باشقا يەنە مەھبۇسلارنىڭ تەھدىتىگە، بۇلاڭچىلىقىغا ۋە زواۋانلىقىغا دۇچ كەلگەن. ئۆزىنى مۇسۇلمان سانايدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ رەھىمسىزلىكى، ساختىلىقى ۋە چېرىكلىكى باغرى يۇمشاق، رەھىمدىل بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغىغان.
تار كامېرلاردا ھەر كۈنى ئاساسەن بىرەر ۋاقىت تاماق بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار ئاخىرى نامازغا تۇرغاندا بېشى قايىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. بەدەنلىرىگە يارا چىققان، كونا كېسەللىرى قوزغىلىپ ئازابلانغان قېرىنداشلىرىغا گۇندىپايلارنىڭ ھئېچ بىر چارە قىلماستىن تاشلاپ قويغىنىنى كۆرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «ئۇلارنىڭ ئىسمىلا مۇسۇلمان، شەكلىلا ئادەم ئىكەن» دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالغان.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارا باسقاندەك يۈز بەرگەن تۇتقۇندا تارتقان كۈلپەتلىرى، تاغدەك ئىشەنگەن ئەزھەرنىڭ قوغدىماسلىقى، قاماقتا ساقچىلار ۋە مەھبۇسلاردىن كۆرگەن خورلۇقلىرى ئۇلارنى «بىز زادى كىم، نېمە ئۈچۈن بۇ كۈنگە قالدۇق؟» دەپ توختىماي سوراشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلار مىسىردىن ئايرىلغاندىمۇ ئايرۇپورتقا دۆشەكەللەنگەن پېتى ئىشكەللىك ئېلىپ چىقىلغان. ھاياتىدا تۇنجى قېتىم قوللىرى باغلانغان بۇ بىغۇبار ئىلىم تەلەپكارلىرى بۇ خورلۇققا لېۋىنى چىشلەشكە مەجبۇر بولغان.
13-سېنتەبىر ۋە 28-سېنتەبىر قويۇپ بېرىلگەن بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى بىزگە بۈگۈنگىچە خەۋىرى بولمايۋاتقانلارنىڭ 19 ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
«ئەلقۇدسۇلئەرەبى» دېگەن گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا قاھىرەنىڭ غەرىبىدىكى تورا رايونىغا جايلاشقان مەركىزى ئامانلىق ساقلاش لاگېرىدا داۋاملىق تۇتۇپ بۇرىلىۋاتقان 77 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار ئىكەن.
0:00 / 0:00