تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كونيا ئالپەرەن مائارىپ-مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق ۋەخپىنىڭ «مۇھافىز» ژۇرنىلى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقاردى.
مەزكۇر ژۇرنالدا ۋەخپە باشلىقى سېيىت ئۆزجان ئەپەندىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە يازغان باش ماقالىسىگە، ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت يازغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ سەۋەب ۋە مەقسەتلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق ئەسەرلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.
ژۇرنالنى چىقارغان كونيا ئالپەرەن مائارىپ-مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق ۋەخپى باشلىقى سېيىت ئۆزجان ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقىرىش پىكرىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان بىز ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر جاي. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداپ قالغانلىقى شەرقىي تۈركىستاننى بىز ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم قىلىدۇ. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقاردۇق. بىز خەلقىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى، ئەدەبىياتىنى، مەدەنىيىتىنى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ۋە يەر ئاستى يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى تونۇتايلى دەپ بۇ مەخسۇس ساننى چىقاردۇق.»
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئايرىلغان مەخسۇس سانىدا ئېلان قىلىنغان توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ژۇرنالدا يەنە «شەرقىي تۈركىستانلىق داڭلىق شەخسلەر»، «ئەسىر قالغان تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ماقالىلەرگە ئورۇن بېرىلگەندىن سىرت، ژورنال مۇھەررىىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىگە ئورۇن بېرىلگەن.
ژۇرنالدا يەر بېرىلگەن «شەرقىي تۈركىستانلىق مەشھۇر شەخسلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىدە 11-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى مەخمۇت قەشقىرى، 19-ئەسىردە قەشقەردە ئېلان قىلىنغان قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياقۇپخان بەدۆلەت، قۇتادغۇ بىلىگ ناملىق ئەسەرنى يازغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، 1944-يىلى غۇلجادا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېلىخان تۆرە، مەخسۇت سابرى بايقوزى، ئەيسا يۈسۈف ئالىپتىكىن، مەمتىمىن بۇغرا، ئوسمان باتۇر، رابىيە قادىر خانىم ۋە بارات ھاجى قاتارلىق شەخسلەرنىڭ قىسقىچە ھاياتى بايان قىلىنغان.
«ئۇيغۇر نەت تور گېزىتى» نىڭ ساھىبى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق مەسئۇلى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ياشلارغا ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مۇھىم شەخسلەرنى ئاڭلىتىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇلاردىن سىرت ژۇرنالدا يەنە ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى رەسىم بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. ژۇرنالدا يەنە تۈرك شائىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان شېئىر ۋە داستانلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالنىڭ تاش ۋارىقىنىڭ ئارقىسىدا مەمتىلى تەۋپىق يازغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ ئۇيغۇرچىسى بىلەن تۈركچە تەرجىمىسىگە ئورۇن بېرىلگەن.
كونيا ئالپەرەن مائارىپ-مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق ۋەخپى ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ چىقارغان مەزكۇر مەخسۇس سانى پۈتۈن تۈركىيەدە تارقىتىلىۋېتىپتۇ.
سېيىت ئۆزجان ئەپەندى كونيا ئالپەرەن مائارىپ-مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق ۋەخپى بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرچە كۇرس ئېچىپ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنىڭ كۆپى تۈركچە بىلىدىكەن. ئەمما بىز ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيمىز. ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بىز ئۇيغۇر مۇئەللىم تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشنى ئويلاۋاتىمىز. بۇلاردىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى مەلۇماتلارنى ئىگىلەپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلاۋاتىمىز.»
پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى بەزى ژۇرناللارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «تارىخ» ژۇرنىلى، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ژۇرنىلى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقارغان ئىدى.
0:00 / 0:00