تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مېتىن قىلىچ ئەپەندى، تۈرك مىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى كامىل قوللاباش قاتارلىق كىشىلەر قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقى توغرىسىدا ئىسسىق نۇتۇقلارنى ئىزھار قىلىشتى.
مەزكۇر مۇراسىمدا مېتىن قىلىچ ئەپەندى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە سادىق ۋەتەنداشلار بولۇپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئەپسۇس بۈگۈنكى كۈنلەردە يۇرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ قىيىنلىقىدىن ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كېتىپتۇ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرگە سادىق ۋەتەنداشلار بولۇپ تۇرماقتا. ئۇلار سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا. ئۇيغۇرلار قەدىمىي تارىخقا ئىگە بىر مىللەت بولغاچقا بۈگۈنمۇ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. »
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە باش ئەلچى مېتىن قىلىچ ئەپەندىگە كۆرسەتكەن ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. ئارقىدىن باش ئەلچىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تونى، دوپپا ۋە «ئېھسان» مېدالى تەقدىم قىلدى.
«ئېھسان» مېدالى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسكالىقىدا تەسىس قىلىنغان مېدال بولۇپ، قىرغىزىستان دۆلىتىگە خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپىلەرنى قوشقان شەخسلەرگە تارقىتىلىدۇ. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كامىلجان نىيازوف، «ئېھسان» مېدالىنىڭ ئىلگىرى كىملەرگە بېرىلگەنلىكى ۋە نېمە سەۋەبتىن تۈركىيە ئەلچىسىگە تەقدىم قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئىزھار قىلدى.
بىز يەنە ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابابەكرى خاتىباقىيېفنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سۆزىدە مېتىن قىلىچ ئەپەندىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قىلغان ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتتى.
مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى تۈركلەر ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى كامىل قوللاباش ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈرك خەلقىگە قېرىنداش خەلق ئىكەنلىكىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇمكىنچىلىك بولغان تەقدىردە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مېتىن قىلىچ 2012-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ خىزمەت مۇددىتى توشقان. ئۆتكەن 4 يىل جەريانىدا ئۇ قىرغىزىستاندىكى كۆپلىگەن ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملەرنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ ئاخىرىدا سۆز قىلىپ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقىنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ دوستلۇقنى تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.
0:00 / 0:00