«موڭغۇل، خىتاي دېموكراتىيە مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015.11.30
germaniye-xitay-mungghul-demokratiye-muhakime.jpg «موڭغۇل، خىتاي دېموكراتىيە مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» دىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Ekrem


گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدە«2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا موڭغۇل، خىتاي دېموكراتىيە مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى»غا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويغان.

«2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا موڭغۇل، خىتاي دېموكراتىيە مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت ۋە تەشۋىقات كومىتېتى مەسئۇلى ئەنىۋەر ئەھمەتلەرنىڭ 29 - نويابىر كۆلىندىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يىغىنغا موڭغۇل، دېموكراتىك خىتاي ۋەكىلىرى، تىبەتلىكلەر، ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپ ساندا سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار قاتناشقان.

يىغىندا خىتاي ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ھەم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلانغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا مەلۇمات بېرىپ، مۇھاكىمە تېمىلىرى مەزمۇن دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭ بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنىۋەر ئەپەندىمۇ بۇ خىلدىكى يىغىنلارغا قاتنىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

«موڭغۇل، خىتاي دېموكراتىيە مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر
«موڭغۇل، خىتاي دېموكراتىيە مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر

يىغىندا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئوخشىمايدىغان تېمىلاردا پىكىر بايان قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا خىتاي زىيالىيلىرىدىكى خاتا قاراشلارنى تۈزىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە نىسپەتەن خىتاي خەلقىنىڭ توغرا تونۇشتا ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ كومپارتىيىنىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ئالدانغان خىتاي خەلقىنى توغرا چۈشەنچە بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنىۋەر ئەپەندى، بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىپ، خىتاي ئۆكتىچى كۈچلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان خاتا چۈشەنچىلىرىگە تۈزىتىش بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان تېمىسى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

1 - نۆۋەتلىك خەلقئارا موڭغۇل، خىتاي دېموكراتىيە مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» 2011 - يىلى گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن مەلۇماتلار بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.