تۇركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەر توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋەزىپلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىمەن» دېدى.
7 - ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى تۈركىستان جەمئىيەتلەر مۇنبىرى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى ئەمىرگان باغچىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال بولۇپ 350 كە يىقىن كىشى قاتناشتى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر 3 تۈرلۈك چاقىرىقتا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇ رامىزاندا بۇ خىل ۋەزىيەتكە دۈچ كېلىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىپتار زىياپىتىدە 3 تۈرلۈك چاقىرىقنى ئېلان قىلىمەن. بۇلاردىن بىرىنچىسى: خىتاي ھۆكۈمتىگە قارىتىلغان. پۈتۈن تارىخ بويىچە ۋە زامانىۋى دەۋرلەردىمۇ ھەرقانداق بېسىم ۋە زۇلۇم نەتىجە قازىنىپ باققىنى يوق. بېسىم ۋە زۇلۇملار خەلقلەر ئارىسىدىكى خاتىرجەملىك، ئىجتىمائىي دىئالوگ ئىچىدىكى بىردەكلىك ۋە بىرلىكتە ياشاش كۈلتۈرىگە خىزمەت كۆرسەتكىنى ياكى بۇ كۈلتۈرنى تەرەققىي قىلدۇرغىنىمۇ يوق. بېسىم مەۋجۇت بولغان ۋە بىر تۈركۈم دۆلەت بەلگىلمىلىرى بىلەن مەجبۇرىي باستۇرۇش ئالدىنقى پىلاندا تۇرىدىغان جەمئىيەتتىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئۆز - ئارا دىئالوگ ۋۇجۇتقا چىقمىغىنىدەك، ئەپسۇسكى بىز ياقتۇرمايدىغان ۋەقەلەرمۇ كۆرۈلۈشكە باشىلىغان. مانا سادام ھۇسەيىننىڭ يولغا قويغان زالىملارچە ھاكىمىيەت ئۇسۇلى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئىراقنى قانداق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى كۆرۈنۈپلا تۇرۇپتۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، قوشنىمىز سۈرىيەمۇ ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىدىن ئۇزاقلاشقانلىقى تۈپەيلى خەلقنى قانداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىز بۇ يەردىن يەنە بىر قېتىم شۇنى ئېنىق قىلىپ بىلدۈرۇشنى خالايمىزكى، زۇلۇم ۋە بىسىم، ئۇنى سادىر قىلغۇچىغا زىيان سالىدۇ. بۇنداق بېسىم قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان خاھىشىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا يول قويمايدۇ. ھەر قانداق بېسىم تېخىمۇ قاتتىق زورۋانلىقنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ھەرقانداق بېسىم تېخىمۇ بەك نەپرەت يارىتىدۇ ۋە خەلقلەرنىڭ بىر - بىرىدىن تېخىمۇ بەك ئۇزاقلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئىككىنچى چاقىرىقىمىز، خەلقئارا جامائەتچىلىككە قارىتىلغان. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكلاتلار زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بۇ ئورگانلار گەرچە ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەپسۇسكى، كۆپ چاغلاردا مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق بەلگىلىمىلىرى ۋە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بېسىملار كۈنتەرتىپكە كەلگەن ھامان نېمە ئۈچۈنكىنتاڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. خۇددىي شۇنىڭدەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى جەھەتتىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋە دۇنيادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز. بۇ بېسىملارنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش، ئەگەر بىر ناھەقچىلىك بولسا، ئوچۇق - ئاشكارا ۋە دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئىپادىلەش، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، ھەم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆزىتىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر.
ئۈچىنچى چاقىرىقىمىز، مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتىلغان. بىۋاستە ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتىلغان. بىزنىڭ كۈلتۈرىمىز ۋە تارىخىمىز ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ھىجرەت تارىخىدۇر. ھىجرەتنىڭ ئاستىدا ئازاب ۋە زۇلۇم ياتقان بولىدۇ. بىز ئىشەنگەن پەيغەمبەرنىڭمۇ ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى، نۇرغۇنلىغان زۇلۇم - سېتەملەرنى باشتىن كۈچۈرگەنلىكىنى بىلىدىغان بىر مىللەتمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارلىق قىيىنچىلىقلارغا ۋە قىيىن - قىستاق، زۇلۇم - سېتەملەرگە سەۋر ۋە تەمكىنلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. نە ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز كەچمىدى، نە تەمكىنلىكى ۋە سەۋرچانلىقىدىن ئايرىلىپ باقمىدى. ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەليھىسسالامغا ھىجرەت قىلىش ھۆكمى نازىل بولدى. ھىجرەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەدىنە بەرپا بولدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزمۇ 1952 - يىلدىن تارتىپ تۈركىيەگە كېلىشنى باشلىدى. مانا ھازىر تۈركىيەدە تېگى شۇ يەرلىك نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بار. ئۇلار تولىمۇ تەمكىنلىك بىلەن بۇ زۇلۇملارغا بەرداشلىق بېرىشنى بىلىدۇ، سەۋر قىلىشنى بىلىدۇ. بىز ئۇيغۇر خەلقىگە سەۋر قىلىشنى، قەتئىي ئىشەنچ بىلەن بۇ جەھەتتىكى ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىز تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۇنيانىڭ ھەممىلا ئەتراپىدىكى بارلىق ئىزىلگەن مىللەتلەرنىڭ، ناھەقچىلىككە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك بولغان ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىمىز. 2015 - يىلىنىڭ رامىزان ئېيىدا ۋە شۇ مۇبارەك كۈنلەردە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈر بەرگەن ئىشلارنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولغانلىقىنى بىلىمىز. بۇنى ھەممىلا يەردە ئوچۇق تىلغا ئېلىشقا تىرىشىمىز.»
ئاخىرىدا، ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشقۇچىلار مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇشقا ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى ھەدىيە قىلدى. نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
بىز بۇ ئىپتار پائالىيىتى ۋە مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمىشنىڭ نۇتىقى توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئىپتاردىن كېيىن سۆز قىلغان نۇمان قۇرتۇلمۇش، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە دىققەت تارتىپ، «ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلىرىگە چەكلىمە قويۇلۇشى ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېدى.
قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان زىياپەتتە نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىپتار قىلىپ بولغاندىن كېيىن قاتناشقۇچىلارغا سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ رامىزاندا دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزىسى مەجبۇرىي بۇزۇپ تاشلانغانلىقى، ئىپتار قىلىش ۋە زوھۇرلۇق يىيىشلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرىدا ئاشكارىلاندى. ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەرمۇ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە. ئىنسانلارنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشقا ئوخشاش ئەڭ ئەقەللىي دىنىي ئەركىنلىكى ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكى تولىمۇ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن چەكلەنمەكتە» دېدى.