قازاقىستان ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلار دۇچ كېلىۋاتقان تەقىبلەر ھەققىدە خىتاي بىلەن سۆزلەشمەكچى

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلاردىن باشقا قازاق، قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاينىڭ رايوندا 2016-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان، «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نى باھانە قىلغان تۇتقۇن جەرياندا ھەتتا قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمىغا ئېرىكەن قازاقلارمۇ بۇنىڭ سىرتتا قالمىغان.

بۇ يىل قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان 5-نۆۋەتلىك «دۇنيا قازاق قۇرۇلتىيى» دا بەزى ۋەكىللەر بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىپ ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان، ئۇرۇق تۇغقانلىرى خىتاينىڭ تەقىپلىشىگە ئۇچراۋاتقان بەزى قازاق ئەرزدارلار 17-ئۆكتەبىر كۈنى «خىتايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قوغدايلى» دېگەن نامدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ پائالىيەت دۇنيا قازاقلىرىنىڭ 5-قۇرۇلتىيىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇلار 2-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشقان كۈنىگە توغرىلاپ ئۆتكۈزگەن.

24-ئۆكتەبىر ئالمۇتادا چاقىرىلغان 2-قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان بىر قازاق زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپ كىشى قاتناشقان ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بالىلىرى، ئەرلىرى ياكى قېرىنداشلىرى خىتاي تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشىغا، قازاقلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشىغا شۇنىڭدەك ئىككى دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان قازاقلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر قازاق زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىننىڭ ئالدىدا قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ قازاقىستانغا يەرلەشكەن 30 نەپەر قازاق ئەرزدارلار بىلەن مەخسۇس كۆرۈشكەن. ئۇلار، خىتايدا قانۇنسىز تۈرمىگە ئېلىنغان قازاقلارنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قازاقىستاندىكى ئاباي قازاق ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغان 47 كىشى، يېقىندا سوت ئېچىلغان 13 قازاق تۇتقۇن ۋە «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن 150 قازاق ھەققىدە مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلار بەرگەن.

خەۋەردە يەنە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پرېزىدېنت نۇر سۇلتان نەزەربايېفنىڭ مەخسۇس قارارىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي تەرەپ بىلەن جىددىي سۆزلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

يېقىنقى كۈنلەردە قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى قازاق ئۆكتىچىلەر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدىن باشقا يەنە «قازاق ئاۋازى»، «ئاباي» قاتارلىق قازاق مەتبۇئاتلىرىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ئارقىلىق پرېزىدېنت نۇر سۇلتان نەزەربايېفنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچمەن بولغان قازاق يازغۇچى ۋە جامائەت ئەربابى قۇلكېرىم ئەلئەنەس ئەپەندى نامىدىن ئېلان قىلىنغان ئوچۇق خەتتەمۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چېچىلىپ ياشاۋاتقان قازاق توپلۇقلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان ئىككى مىليونغا يېقىن قازاق قازاقىستان سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ قازاق توپلۇقى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي قازاقىستاننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەرز قىلىپ قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتى، دىنىنى، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالماقتا. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى قازاقلارنىڭ ۋەتىنى قازاقىستانغا تەلپۈنگەنلىكىمۇ جىنايەت سانىلىپ، تۈرمىلەرگە تاشلانماقتا.»

ئۇ ئوچۇق خەتتە پرېزىدېنت نەزەربايېفقا: «ئەجەبا، قازاقىستان بۇ ئىككى مىليون قازاققا قەرز ئەمەسمۇ؟ قازاقىستاننىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى قازاق خەلقى ئەمەسمۇ؟ بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قازاقىستان زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراۋاتقان خەلقىگە ئىگە چىقمىسا، كىم ئىگە چىقىدۇ؟» دەپ خىتاب قىلغان.

قۇلكېرىم ئەلئەنەس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە پرېزىدېنت ئوچۇق خەتكە بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئۆزى باشلىق ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ كەلگەن قازاقلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن جىددىي رەۋىشتە سۆزلىشىشكە ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى :«مەن يىللاردىن بۇيان بۇ دەۋانى ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەرگە ئۇچۇق ئىنكاس قايتۇرمىغان ئىدى. بۇ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىز بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشى. گەرچە تېخى نەتىجە چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئالغان تۇنجى قەدىمى، شۇڭا ئۈمىدلەندىم. تىرتىشچانلىقىمىزنىڭ بىكار كەتمىگەنلىكىدىن خۇرسەن بولدۇم،» دېدى.

ئالمۇتىدا ئېچىلغان ئىككى قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن پەرىدە خانىمنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ يولدىشىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن 13 يىل قاماق جازاسى بېرىلىپ، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغان پەرىدە خانىم ئەسلى بورتالا ئارشاڭدىن بولۇپ، ئېرى راقىجان زەينۇللا 2004-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە «باشقىلارنى قازاقىستانغا كۆچۈشكە قۇتراتقان» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ 13 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. پەرىدە خانىمنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئۇقۇشىچە، ئېرى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى جازا مۇددىتىنى توشقۇزۇپ تۈرمىدىن چىققان بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ كۆرسەتمەي، شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىدە يەنە «يېپىق تەربىيىلەش»كە ئېلىپ كەتكەن. پەرىدە خانىم 13 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىپ تۈرمىدىكى ئېرىنى يوقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يىل ئېرى چىقىدىغان ۋاقتىدا خىتايدىن ۋىزا ئالالمىغان.

پەرىدە خانىم خىتاينىڭ بىگۇناھ ئېرىنى ئادالەتسىز ھالدا تۈرمىگە قامىغانلىقىنى 13 يىلدىن بۇيان قازاقىستان دائىرىلىرىگە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجە بولمىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ ئەرزىنى ئاڭلاپ، خىتايغا ۋىزا ئېلىش ئىشلىرىدا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قازاق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، جىددىي بىر ھەرىكەت قوللانمىغان. ئۇلار قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشىغا خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇنلىرىدا ھەتتا قازاقىستاننىڭ قانۇنلۇق يېشىل كارتىغا ئىگە قازاقلارنىڭمۇ سىرتتا قالمىغانلىقى ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىلەرگە ئورۇن بېرىۋاتقانلىقى تۈرتكە بولغان بولۇشى مۈمكىن دەپ پەرەز قىلماقتىكەن.