ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلۇشقا باشلىغان «تەدبىر نەشرىياتى» يېقىندا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئوپتىكا مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىر يۈرۈش كىتابلىرىنى نەشر قىلىپ جامائەتنىڭ دىققىگە سازاۋەر بولدى. مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاز-تولا ئىلھام ۋە مەدەت بېرەلىسە ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي «تەدبىر» شېركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنى مەركەز قىلىپ خىزمەت سۇنۇۋاتقان «تەدبىر» شېركىتىنىڭ نېمە غايە-مەقسەتلەر بىلەن قاچان، قانداق قۇرۇلغانلىقى؛ قىلىۋاتقان خىزمەت تۈرلىرى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىشلىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان، ھازىر تۈركىيەدە مۇستەقىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر نەپەر ئۇيغۇر «تەدبىر» شېركىتى توغرىلىق ھېس قىلغانلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
0:00 / 0:00