3 - ئىيۇل، جۈمە كۈنى توكيودىكى تۈرك مەسچىتىگە جۈمە نامىزىغا جەم بولغان مۇسۇلمانلار 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر شېھىتلىرىگە دۇئا قىلدى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
بۈگۈن ياپونىيەدىكى ئەڭ بۈيۈك مەسچىتلەردىن بىرى بولغان توكيودىكى تۈرك مەسچىتىگە جۈمە نامىزىغا توپلانغان مۇسۇلمانلار 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچ ئېلىپ بارغان نامايىشىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ دۇئا قىلغان.
توكيودىكى تۈرك مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۇھەممەت راشىت ئالاس جۈمە نامىزىدىكى قۇتبە ۋەزىسىدە 2009 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقى ھەققىدە جامائەتكە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بەرگەندىن كېيىن، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە شۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقتا قەتلى قىلىنغان شېھىتلەرگە ئاتاپ دۇئا قىلغان.
ئىمام مۇھەممەت راشىت ئالاس قۇتبە نامىزىدىكى ۋەزىسىدە يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا رامىزان ئېيى باشلانغاندىن بۇيانقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن قوللانغان تۈرلۈك تەدبىر ۋە سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ شۇنداقلا سۆزىدە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئالاھتىن ئاسانلىق تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىشىنى ئۆتۈنگەن.
توكيودىكى جۈمە نامىزى ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پاكىستانلىق تونۇلغان ژۇرنالىست زۇبەيىر مۇنداق دېدى:
- بىز بۈگۈن پەقەتلا شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، ئىبادەت قىلدۇق. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەلھەمدۇلىللا ئۇيغۇرلار يەنىلا نامىزىنى ئوقۇپ، روزىسىنى تۇتىۋاتىدۇ. ئىنشاللاھ ئاللاھ ئۇلارغا مەدەتكار بولغاي.
تۈركىيەدىن ياپونىيەگە ساياھەت كەلگەن مۇستافا بۈگۈنكى جۈمە نامىزى ھەققىدە توختىلىپ:«ئىمام بۈگۈنكى جۈمە نامىزىدا ئىسلام ئالىمى ئۈچۈن، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاللاھدىن ياردەم تىلەپ دۇئالار قىلدى. بۇ بىزنىڭ ئەلۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز. تۈركىيەدە ھەم مەسچىتلەردە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى روزا تۇتقۇزماسلىق سىياسىتىگە قاتتىق نەپرىتىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېدى.

ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغان ھىندونېزىيەلىك جامائەت ئەربابى شەيىخ ئىدىرىس نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ:«شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىدۇر. جۈملىدىن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى، بولۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنى رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئېغىر ئازاپ - ئوقۇبەت ئىچىدە روزا تۇتۇۋاتىدۇ. بىز ئەلۋەتتە دىنىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دائىم دۇئا قىلىمىز ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇشىمىز كېرەك» دېدى.
ئاخىرىدا بۈگۈنكى جۈمە نامىزىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.