ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرىشكە تىرىشتى

0:00 / 0:00

7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تايلاند ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى تايلاند ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

بايانات ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلدى. تۈرك ساقچىلار ئۇلارغا كۆزىگە ياش ئېقىتىدىغان بومبا ئاتتى. يولدىشى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ساقچىلار رۇخسەت قىلمىدى. ئاخىرىدا نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار نامايىشنى دۇئا قىلىپ ئاخىرىلاشتۇردى.

بۈگۈن يانى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى يېقىنلىرى خىتايغا قايتۇرىۋېتىلگەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر قوللىرىدا تۈرك بايرىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا، خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىلىكى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا ھەممە بىردەك «تۈركىيە ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئەركىنلىك، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاشتى. ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ، باياناتىدا تايلاند دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا چىدىيالماي چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر قالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تايلاندقا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق، قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسۇشقا چاقىردى. ئۇ، باياناتىدا، تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاشقا چاقىردى.