خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىلغانلىقىنى قۇتلاش مەقسىتى بىلەن 18-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىدا چاقىرىلغان يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشقانلىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
باش كونسۇلىنىڭ ئايالى لۇ چى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «تۈركىيە-خىتاي تىجارەت ئۇيۇشمىسى» نىڭ مەسئۇللىرى، تۈركىيەدىكى بەزى خىتايلار بولۇپ 30 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان.
خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېتىدە 19-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ پائالىيەتكە «خىتاي مۇھاجىر ئاياللار ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى مەۋلۈدە ئەزىز قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئۆتكەن يىلى 15-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، كۆپ ساندىكى خىتاي ساياھەتچىلىرى ئىستانبۇل ئايرودرومىدا سولىنىپ قالغانلىقى، بۇ ۋاقىتتا خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك ئاپىرىپ ياردەم قىلغانلىقىنى، شۇڭا خىتايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەۋلۈدە ئەزىزگە تېلېفون قىلدۇق.
خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە يانتاياق ئىزدەۋاتقانلىقىنى، بۇ قىزلارنىڭ «خىتاي ئايال مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» قۇرۇپ، خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەجەبلەنگەنلىكىنى، چۈنكى مەۋلۈدە ئەزىزنى ئىلگىرى «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىپ ئوقۇتقانلىقىنى بايان قىلدى.
خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى، بۇ خىل كىشىلەرگە تۈركىيە قانۇنىغا رىئايە قىلغان ھالدا ئىنكاس بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدە ھەر خىل ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا بۇ خىل تەشكىلاتلارنى قۇرغۇزۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسىتى زادى نېمە؟ ئەنقەرەدىكى خاجېتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ مىللىي ئەنئەنىسىدە «ئۆزىنىڭ يېغى بىلەن ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش» دېگەن گېپى بارلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بىلەن ئۆز مۇددىئاسىغا يېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، مەۋلۇدە ئەزىزدەك كىشىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىدا كۆپ سەۋەبلەرنىڭ بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ پائالىيەتكە مەۋلۈدە ئەزىزدىن سىرت، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سەييارە ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىمۇ قاتناشقان. 2008-يىلى تۈركىيەدە «ئۇيغۇر كارخانىچىلار جەمئىيىتى» نامىدا بىر جەمئىيەت خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر قانچە قېتىم پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەمدى بولسا «خىتاي مۇھاجىر ئاياللار ئۇيۇشمىسى» خىتاي كونسۇلخانىسىدىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشماقتا.