ياپونىيەنىڭ ناگاساكى، توكيو قاتارلىق شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ۋە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


5 - ئىيۇل ۋە 8 - ئىيۇل كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ ناگاساكى، توكيودىكى شەھەرلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى ئالدىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچلىقىنىڭ 6 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ياپونىيەنىڭ ناگاساكى شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشنى ياپونىيەدىكى خىتايدىكى مىللەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن تېببىي پەنلەر دوكتورى، ئاتاغلىق دوختۇر ئىۋاناگا ئەپەندى سۆزىدە، بۈگۈن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، ۋەقەدە قانۇنسىز قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈرمىدىن بالدۇراق قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. نامايىش ئەتىگەن سائەت ئوندىن ئون ئىككىگە قەدەر ئىككى داۋام قىلغاندىن كېيىن نامايىشچىلار ۋەكىلى خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق خېتىنى تاپشۇردى.

نامايىشتىن كېيىن، كۆپچىلىك ناگاساكىدىكى نيۇتېن مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىغا جەم بولۇپ 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

5-ئىيۇل كۈنى ناگاساكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرلەش پائالىيىتى.
5-ئىيۇل كۈنى ناگاساكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرلەش پائالىيىتى.


يىغىندا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ناگاساكىدىكى بۇ پائالىيەتكە يوللىغان تەبرىك سۆزى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ناگاساكى،ئوكىناۋا، كاگوشىما قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئۆزلىرى تەييارلىغان دوكلاتلارنى كۆپچىلىككە سۇندى. يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن تۆتكە قەدەر داۋام قىلدى.

شۇ كۈنى يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن توكيو شىنجۇكۇدىكى كۆپ مەدەنىيەت سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 يىللىقى ۋە 28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم شەخسلەر ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە بايان قىلغان سۆزلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى. يىغىن ساھىپخانلىرىدىن بىرى بولغان گۈلىستان خانىم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلاردىن غالىپ يىغىندىن ئالغان تەسىراتى ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇندىن باشقا يەنە، 8 - ئىيۇل توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر ۋە ياپونلار بىرلىكتە 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى ۋە 28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ باردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.