كانادادا ھىجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئاھ، ئۇيغۇر تۇپرىقى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ياپونىيەدە نەشر قىلىنغاندىن بۇيان كۆپلىگەن ياپونلار جۈملىدىن ياپونىيە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ژۇرنالىستلار، شائىرلار بۇ ھەقتە تۈرلۈك ماقالىلارنى ئېلان قىلماقتا.
10 - ماي ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ «كىتابلار سەھىپىسى» گە ژۇرنالىست ئاسامى خانىمنىڭ «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ناملىق ماقالىسى بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە ژۇرنالىست ئاسامى خانىمنىڭ شائىر ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسى بېرىلىپ، ئۇنىڭدا مۇنداق بايان قىلىنغان:«ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ " ئاھ، ئۇيغۇر تۇپرىقى" ناملىق شېئىرلار توپلىمى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، سايۇشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئەخمەتجان ئوسمان ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىللىرىدا شېئىر يازىدۇ. بىراق ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئېلان قىلىنىشى چەكلەنگەن. ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا. خىتاي ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ بىر تەرەپ قىلىپ يىغىشتۇرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسمان " مېنىڭ شېئىرلىرىمنى ئوقۇغانلار، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى بىر مىللەت باستۇرۇش ئارقىلىق يوق قىلىۋېتىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس" دەيدۇ.»
ژۇرنالىست ئاسامى سۆھبەت خاتىرىسىدە يەنە، سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىدا شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ئۆزىنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ:«مېنىڭ شېئىرلىرىمدا ھېچقانداق سىياسىي غەرەز يوق. لېكىن" تۈن قۇياشى" دېگەن شېئىرىمدىكى: كۈندۈزۈمدە ئاي - يۇلتۇزلار/تۈنۈمدە قۇياش/، ۋەتەن دېسەم ئاغزىم قانار/قان بۇ/سۆز ئەمەس!/ بەلكىم بۇ مىسرالاردىن كەڭ ياپون ئوقۇرمەنلىرى ئىنسانلىق ھېسسىياتىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. مېنىڭ شېئىرلىرىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكى كۈيلەنگەن. بۇ نۇقتىدىن ياپونىيەلىك ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۆپ چۈشەنسۇن دەپ ئويلايمەن" دېدى دەيدۇ.

شائىرى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئاھ، ئۇيغۇر تۇپرىقى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ياپون تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان ئاتاغلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى، تىببىي پەنلەر دوكتورى كاۋائى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزىنىڭ سالىمىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
- ئۇيغۇر قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىزلەر،
مەن ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمنىڭ شېئىرلىرىنى مۇقەددەس مۇئەللىم بىلەن بىرلىكتە ياپونچىغا تەرجىمە قىلغان ماكىتو كاۋائى بولىمەن. مەن دوختۇر ھەم شائىر شۇنداقلا ئەدەبىي تەرجىمان. ياپونىيەنىڭ توكيودىن سىلەرگە سالام.
شائىر ماكىتو كاۋائى بىزگە ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ياپون تىلىدا ئەخمەتجان ئوسمانىڭ شېئىرلىرى ۋە كىتابقا يازغان كىرىش سۆزى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
- ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا سۆزلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ قىممەتلىك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۈتۈن دۇنيادىكى سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىغە جايلاشقان ياپونىيەدىن چىن يۈرەكتىن سەمىمىي سالام يوللايمەن. مەن يۈرىكى ئاغرىغان، كۆڭلى بىئارام بولغان،روھىي كېسەللىكە گىرپتار بولغان بىمارلارنى داۋالاشقا ئۆزەمنى ئاتىغان بىر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى، شۇنداقلا ئۆزەمنى مەڭگۈ شائىر دەپ ھېسابلايدىغان بىر ياپونىيەلىك بولىمەن. بىز ياپونلار تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ئىنسانىي قەدىر - قىممەتنى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىنسانىي ھەق - ھوقۇق قوغدىلىدىغان كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەت قۇرۇشقا تەلپۈنىمىز. بۇ قېتىم نەشر قىلىنغان «ئاھ، ئۇيغۇر تۇپرىقى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ياپونىيەلىك ئوقۇرمەنلەرگە كىرىش سۆز ئورنىدا سۆز يېزىپ:" مېنىڭ ياپونچە شېئىرلار توپلىمىمنىڭ نەشر قىلىنىشى، ياپونىيە دۆلىتىنىڭ دۇنيادا تىنچلىق ئەڭ قەدىرلىنىدىغان، ئىنسان ھوقۇقلىرى قوغدىلىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ سۆز - پىكىر ئەركىنلىكىگە ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەتلىك ۋە دېموكراتىك بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى" دېدى.
يۇقىرىقى مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا دەل ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ كىرىش سۆزىدىكى بۇ مەزمۇنلارغا يۈرىكىمدىن بەرگەن جاۋابلىرىمدۇر. ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەزمۇنلار مەتبۇئاتلاردىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ھەرقانداق كۆز قاراشلاردىن ھالقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي تىنىقلىرىنى بىزگە بىلدۈرەلەيدۇ شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.
ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىپەك يولى ئارقىلىق ياپونىيەگە كېلىشىدىن باشلانغان. بۇ قېتىم مېنىڭ ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى ياپونچىغا تەرجىمە قىلىشىم بەلكىم مېنىڭ قېنىمدا ئېقىۋاتقان ئەجدادلىرىمنىڭ ئىزناسى بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.