تايلاندنىڭ قىلمىشى ياپونىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

0:00 / 0:00


ياپونىيە مەتبۇئالىرى9 - ئىيۇلدىن باشلاپ تايلاند دائىرىلىرىنىڭ يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقاتتى. مەزكۇر خەۋەر ياپونىيە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. كۆپلىگەن ياپونلار تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ئاساھى شىنبۇن گېزىتى» نىڭ 10 - ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا «يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇساپىر تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنى قاتتىق ئەيىبلىدى» دېگەن سەرلەۋھەدە ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 9 - ئىيۇل كۈنى خىتاي تەرەپكە يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى رەسمىي قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ،ئۇنىڭدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق نامايىش ھەرىكىتىدىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشقا ئۆتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ھاياتلىق يولى ئىزدەپ قېچىپ چىقىشقا مەجبۇرلانغان ئىدى» دېيىلگەن.

گېزىتتە شۇنداقلا تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، تۈركىيە قاتارلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى تايلاند كونسۇلخانىسىغا، نامايىشچىلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

«ئاساھى شىمبۇن گېزىتى»نىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە تېخى يېقىندىلا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن بىر يۈز يەتمىش نەچچە نەپىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىستانبۇلغا سالامەت يېتىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ماقالىدە تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىغا كويزا ۋە پۇتلىرىغا كىشەن سېلىنىپ ھەربىي ئايرودرومدىن خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلگەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىي بېسىملاردىن قېچىپ چەتلەرگە چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئەللەردە پاناھلىنىپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ، ئۇلارنى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا باغلاپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، ئاسىيادىكى تايلاندتەك دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايۋاتقان بىر پەيتنىڭ ئۆزىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ «ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ غازات ئۇرۇشىغا قاتنىشىۋاتىدۇ» دېگەن شىكايەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىزلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتسىز سۈرىيە ۋە ئىراققا بېرىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەگەر ئۇلارنىڭ پاسپورت ئېلىش ئىمكانىيىتى بولغان بولسا، ھەرگىز چېگرالاردىن قانۇنسىز قاچمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىر تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئەللىك نەچچە نەپىرىنىڭ ھاياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈكى خانىم بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە ئىنتىزار بىلدۈرىمەن، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستلار بىلەن بىرلىكتە ئۆز نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ تايلاند ئەلچىخانىسىغا فاكس يوللايمىز ۋە شۇنداقلا ئەتە فۇكۇئوكادىكى تايلاند كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزىمىز.

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە تولىمۇ نارازى بولغان قانۇنشۇناس يامادا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- تايلاند تەرەپنىڭ خەلقئارا قانۇن - نىزاملارغا قىلچە رىئايە قىلماي ئۆزلىرىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلا مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ھازىرقى تايلاند ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تەسلىم بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تايلاند ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئۆزىلا تايلاند دۆلىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرتىپلىرىنى بۇزغىغانلىقىنىڭ دەلىلى. تايلاند بۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن چوقۇم بەدەل دەپ ئويلايمەن. شۇنداق، بۇ ئىشقا ئۆزەمنىڭ كۈچلۈك ئىتىرازىمنى بىلدۈرۈپ تايلاند ئەلچىخانىسىگە مەكتۇپ يوللايمەن.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور غالىپ ئەپەندى مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە مەزكۇر ۋەقەنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى تەسىرى ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلاردىن گۈلىستان خانىم مەزكۇر ۋەقەنى ئەيىبلەپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.