0:00 / 0:00
11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنيادا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيە ياۋرو – ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە تۈركىستان تەتقىقات مەركىزى باشلىقى دوكتور ئالى ھاسان ئەپەندىلەر ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.