ياۋروپادا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرى قانداق شەكىللەنگەن؟

بېرلىندىن ئوبزورچىمىز ئابلەت سەمەت تەييارلىدى
2025.03.13
uyghur-tetqiqati-menbe ئۇيغۇرشۇناسلىقتا قوللىنىلىدىغان بىر قىسىم مۇھىم مەنبەلەر
RFA/Eblet Semet

ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ھەققىدە پەرقلىق قاراشلار بار. كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى رەسمىي مىللەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىشقا باشلىغانلىقىنى، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر نامىنىڭ 1921-يىلى تاشكەنتتە چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە ئەمگەكچىلىرىنىڭ بىرىنچى قۇرۇلتىيىدا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن 1924-يىلى ئالمۇتادا ئېچىلغان ئۇيغۇرلار يىغىنىدا رەسمىي بېكىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھالبۇكى، تارىخىي مەنبەلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەققىدىكى تۇنجى قەدەملەرنىڭ ياۋروپادا بېسىلغانلىقىنى، باشقا تەتقىقات ساھەلىرىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا، ئازلىقتىن كۆپلۈككە، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇرشۇناسلىق ياۋروپادا قاچان ۋە قانداق پەيدا بولغان؟

ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، سۆزىمىزنى ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدىن باشلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى 13-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن 3 نەپەر خىرىستىيان راھىبىنىڭ خاتىرىلىرىدىن تېپىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە فرانسىسكانا تەرىقاتىنىڭ راھىبلىرىدىن رۇبرۇك (Wilhelm von Rubruk) بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا بارغان-بارمىغانلىقى تېخىچە تولۇق جەزملەشمىگەن ماركو پولو (Marco Polo) ئىككىيلەننىڭ خاتىرىسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئىككىيلەننىڭ خاتىرىلىرىدە «ئۇيغۇر» نامى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ۋاسىتىلىك بايانلىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە باشقا مەنبەلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادى، ياشىغان يېرى، موڭغۇل ئىمپېرىيەسىدە تۇتقان مۇھىم ئورنى ھەققىدە يازغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. رۇبرۇكنىڭ «موڭغۇللار بۇ مىللەتنىڭ يېزىقىنى قوللىنىدۇ» دېگەن بايانلىرىدىن رۇبرۇك تىلغا ئالغان بۇ مىللەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ياۋروپا مەنبەلىرىدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر نامىنى ئېنىق يازغان كىشى كارپىنى (Johannes de Plano Carpini) ئىدى. 1245-يىلىدىن 1247-يىلىغىچە 2 يىل سەپەرگە چىققان بۇ كىشى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوردىسىنى زىيارەت قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئۇ خاتىرىسىدە «ئۇيغۇر» نامى بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ «بەشبالىق» ۋە «قاراغوجا» شەھەرلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېنىق يازغان.

ھالبۇكى، شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1711-يىلى شىۋېتسىيەلىك يوھان سترالېنبېرگ (Philipo Johann von Stralenberg) ئىسىملىك بىر ئوفتسېر رۇسلار تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ، سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنغۇچە «ئۇيغۇر» نامى ياۋروپا مەنبەلىرىدە قايتا تىلغا ئېلىنمىغان. 10 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى رۇسىيەنىڭ توبولسك شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئەسلى گېرمان مىللىتىدىن بولغان بۇ كىشى تاسادىپىي ھالدا «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق قىممەتلىك بىر ئەسەرنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان. بۇ ئەسەر مەشھۇر خارەزم شاھلىرىدىن ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا يېزىپ تاماملىيالمىغان، داۋامى ئۇنىڭ ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلغان «تۈركلەرنىڭ شەجەرىسى» ناملىق مەشھۇر ئەسەر ئىدى. بۇ ئەسەردە 13-ئەسىردە مەشھۇر تارىخچى رەشىدىدىن تەرىپىدىن يېزىلغان «جامىئۇل تاۋارىخ» ناملىق ئەسەردىن ئېلىنغان ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك «ئوغۇزنامە» داستانىمۇ بار ئىدى. بۇ ئەسەر 1726-يىلى ئالدى بىلەن فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىنغان. 1730-يىلى سترالېنبەرگ بۇ ئەسەرنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيادا تۇنجى بولۇپ، تۈرك تىللىرىنىڭ كلاسسىفىكاتسىيەسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان. ئۇ، بۇ ئەسەردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانىدا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز يېزىقى، باي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن تۈرك مىللەتلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى يازغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ موڭغۇل ۋە باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. «شەجەرەئى تۈرك» 1768-1774-يىللىرى رۇسچىغا ۋە 1780-يىلى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ياۋروپا ئىلىم ساھەسىدە تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇشقا باشلىغان. ھالبۇكى، بۇ ئىلگىرىلەشلەر سۆزى بولۇۋاتقان ئۇ مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ زادى قەيەردە ياشاۋاتقانلىقىنى دەرھال ئېنىقلاشقا يەتمەيتتى.

بۇ قىيىن ۋەزىپە 1811-يىلى گېرمانىيەلىك تۈركولوگ ۋە خىتايشۇناس يۇلىئۇس كلاپرۇت (Julius Klaproth) تەرىپىدىن ئورۇندالدى. كلاپرۇت شۇ يىلى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە يېزىقى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىنىڭ دەسلەپكى جۈملىسىنى مۇنداق باشلىغان: «تۈرك-تاتار قوۋملىرىنىڭ ئەڭ دىققەت قوزغايدىغانلىرىدىن بىرى، ‹ئىغۇر› ياكى تېخىمۇ توغرىسى ‹ئۇيغۇر›لاردۇر. ئۇلار ئۆزىنى ‹ئۇيغۇر› دەپ ئاتايدۇ. ئۇلار ئىچكى ئاسىيانىڭ قامىل (قومۇل) ۋە تۇرۇفان ياكى تۇرفان قاتارلىق جايلىرىدا ياشىغان شۇنداقلا ھازىرغىچە بۇ يەردىن ئايرىلمىغان». ئۇ ماقالىسىدە بىر قىسىم تۈرك-تاتار تىلى ئۆرنەكلىرىنى شۇ ۋاقىتقىچە ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىۋاتقان ئوغۇز تىلىدىكى سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى دەلىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ 1806-يىلى سىبىرىيە سەپىرى جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن بىر ئەسلىمىسىگە ئورۇن بېرگەن: «1806-يىلى سىبىرىيە سەپىرىمدە ئامىتىم كېلىپ ئانا تىلى ئۇيغۇرچە بىر تۇرپانلىق كىشىنى تېپىۋالدىم. مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن 90 دانە ئۇيغۇرچە سۆز خاتىرىلىۋالدىم. بۇ تىل ئۆرنىكىنى تۈرك-تاتار تىللىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، نەتىجىسىنى 1812-يىلى ‹ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە يېزىقى ئۈستىدە تەتقىقات› ناملىق ماقالەمدە ئېلان قىلدىم».

كلاپرۇتنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى تۈرك تىللىرىدىن بىرى دەپ ھۆكۈم قىلىشى، پۈتۈن ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغان. شۇ ۋاقىتقىچە ئوسمانشۇناسلىق ۋە قىرىم تاتارچىسى تەتقىقاتىنى «تۈركولوگىيە» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن كۆپ ساندىكى تەتقىقاتچىلارغا ئەمدى باشقىچە ئويلىنىدىغان بىر ۋاقىت كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن. ئەمما ئۇنىڭ قاراشلىرى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ قارشىلىقىغىمۇ ئۇچرىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە تونۇلغان موڭغۇلشۇناس ئىساك ياكۇب شمىت (Isaak Jakob Schmidt) كلاپرۇتنىڭ قارىشىنى كەسكىن رەت قىلغان. شمىتنىڭ قارىشىچە، كلاپرتس تىلغا ئالغان مىللەت ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى تاڭغۇتلار ئىدى.

كلاپرۇتنىڭ «ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابىنىڭ باش بېتى
كلاپرۇتنىڭ «ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابىنىڭ باش بېتى
RFA/Ablet Semet

كلاپرۇت شمىتكە ئوخشاش كىشىلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ئۆز قارىشىنى تېخىمۇ كۆپ دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە يېڭى مەنبەلەرنى ئىزدەشكە باشلىغان. ئۇ، 1820-يىلى فىرانسىيە دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە-خىتايچە بىر لۇغەتنى بايقىغان. بۇ لۇغەت 14-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا تەسىس قىلىنغان «تەرجىمانلار سارىيى» نىڭ خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىدى. بۇ لۇغەتنى ئەسلىدە فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس ئاميوت (Joseph-Marie Amiot) 1789-يىلى بېيجىڭدا بايقاپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ خىتايچە يېزىلغان تەلەپپۇزى يېنىغا لاتىنچە ئوقۇلۇشىنى ۋە بىر قىسىم چۈشەندۈرۈشلىرىنى يېزىپ پارىژغا ئەۋەتكەن ئىكەن. كلاپرۇت بۇ لۇغەتتىكى 914 دانە سۆز ئارىسىدىن تاللانغان مىساللار بىلەن دەسلەپكى ماقالىسىنى قايتىدىن تولۇقلاپ نەشر قىلغان. ئۇ 1823-يىلى پۈتۈن لۇغەتنى گېرمانچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇنىڭ يېنىدا قومۇل ۋە تۇرپاندىن مىڭ سۇلالىسى خاقانىغا قارىتىپ يېزىلغان 3 پارچە خەتنىڭ تەرجىمىسىنىمۇ قوشۇپ بەرگەن. بۇ تىل دەلىللىرىگە قوشۇپ، «شەجەرەئى تۈرك» كىتابىدىن «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايانى» ۋە رەشىدىدىننىڭ «جامىىۇل تاۋارىخ» (ئومۇمىي تارىخ) كىتابىدىن «ئۇيغۇر مىللىتى» دېگەن بۆلۈملەردىكى تارىخىي پاكىتلارنىڭمۇ گېرمانچە تەرجىمىسىنىمۇ نەشر قىلغان. بۇ بۆلۈمدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنى تەسۋىرلىگەن «ئوغۇز قاغان داستانى» مۇ ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورقون ۋادىسىدا قۇرغان قاغانلىقى ۋە ھەتتا ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلەتلىرى ھەققىدىكى بايانلارغىمۇ يورۇن بەرگەن. ئۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلىگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى مىلادىدىن بۇرۇنلا خىتايچىدا ‹تيانشان›، يەنى ‹تەڭرىتاغ› دەپ ئاتالغان قارلىق تاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى تۇرپان تەۋەلىكىدە ياشىغان». كلاپرۇتنىڭ مۇستەھكەم ئاساسلىرىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان شمىت، قايتا نارازىلىق بىلدۈرەلمىگەن.

كلاپرۇتنىڭ بۇ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندە، يەنە بىر مۇھىم ئىسپات ئوتتۇرىغا چىققان. يەنى فىرانسىيەلىك شەرقشۇناس جاۋبېرت (P. Jaubert) «ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان تۈركچە بىر ئەسەر» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە، 1798-1807-يىللىرى ئارىسىدا ئىستانبۇلدىن سېتىۋېلىپ ئاۋسترىيەنىڭ ۋىنا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن مەشھۇر ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىگ» نى تونۇشتۇرغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ياۋروپادىكى تەرەققىياتى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن مۆجىزە خاراكتېرلىك يېڭىلىقلار بىلەن راۋان ۋە ئۇتۇقلۇق راۋاجلانغان. 1893-يىلى شۇ ۋاقىتقىچە ناتونۇش قالغان ئورقۇن يېزىقىنىڭ سىرى يېشىلىپ، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ شانلىق تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر ئوقۇلغان. ئارقىدىنلا رۇسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، فىرانسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئەۋەتكەن تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بايقىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مىراسلارنىڭ تونۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىر بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكى تېخىمۇ ئېنىق ئايان بولغان. مانا بۇ ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشىدىكى دەسلەپكى دەۋر ئىدى.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.