«ئىشەنگىن، ھامان ئازادلىق تېڭى ئاتىدۇ!» : ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ساداسى

مۇخبىرىمىز قۇتلان ۋە جۈمە
2022.04.22
gulnaz-tursun-studio-roh-1.jpg قازاقىستاندا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش ئۇيغۇر رەسسام گۈلناز تۇرسۇن خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.
Photo: RFA

كىرىش: ھۆرلۈك چىللاۋاتقان سەنئەتكارلار

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى 2016-يىلدىن بۇيان ھەسسىلەپ كۈچىيىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. بولۇپمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئانا تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى، مائارىپى ۋە ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن، ئەڭ قاراڭغۇ ۋە ھايات-ماماتلىق مەزگىللىرىدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشقا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قاباھەتلىك رېئاللىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئاۋستىرالىيەدە «ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرغۇچىسى شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى «ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 20-ئىيۇل، سىدنېي.
ئاۋستىرالىيەدە «ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرغۇچىسى شۆھرەت تۇرسۇن ئەپەندى «ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 20-ئىيۇل، سىدنېي.
RFA/Uchqun

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مۇقام ۋارىسى، داڭلىق سازەندە شۆھرەت تۇرسۇن، ئەنگلىيەدىكى پائالىيەتچان سەنئەتكار رەھىمە مەخمۇت، قازاقىستانلىق ياش ئۇيغۇر رەسسام گۈلناز تۇرسۇن قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئىجادىيەتلىرى، گۈزەل ساز-كۈيلىرى، يارقىن رەڭ-سىزىقلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى چىرماپ ئالغان چارەسىزلىكلەرگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.

ئۇلارنىڭ بەزلىرى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل زېھنىنى خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك يوقاپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام» قاتارلىق يېگانە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تارقىتىش يولىغا بېغىشلىغان بولسا؛ بەزلىرى ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرىگە ئانا يۇرتىنىڭ نىداسىنى سىڭدۈرۈپ، بوغۇلغان خەلقىنىڭ ئاۋازى بولماقتا. ئۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرى ئۆزىنىڭ گۈزەل سىزمىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ھۆرلۈككە تۇتاشقان كەلگۈسىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ باغلاشقا يېتەكلىمەكتە. ئۇلار بىردەك: «خەلقىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، مەۋجۇتلۇق بىلەن يوقىلىش گىردابىدا ئىڭراۋاتقان، تارىختىن بۇيان ياراتقان پۈتكۈل مەدەنىيەت مىراسلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك قىيىن كۈنلەردە، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇش، سەنئەت ئارقىلىق ئۇلارغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلاش-بىز سەنئەتكارلارنىڭ ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىدۇر،» دەيدۇ.

«بىر مىللەت ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنگەندىلا، ئاندىن چارەسىزلىكنى يېڭەلەيدۇ»

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئۆزئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان ھەسسىلەپ كۈچەيدى. ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىليونلىغان يەرلىك مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە كوللېكتىپ جازالىنىشى، ئۇيغۇر رايونىنى «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» كە ئايلاندۇردى. ئۇيغۇر خەلقى پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غايەت زور يۇقىرى تېخنىكالىق تەقىب سىستېمىسى ئالدىدا چارەسىز ۋە ئامالسىز قالدى. تارىختا دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بىر خەلق، دۇنيادىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق ئىقتىسادىي گەۋدە-خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق تۈردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «دۆلەت تېررورلۇقى» نىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن يۇقىرى بېسىملىق تەقىبى ۋە باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق ئىستىكى ھەم ئاۋازىنى ئۆچۈرەلمىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر، تەشكىلاتلار، شۇنداقلا ھەر ساھەدىكى سەرخىللار بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمىدى، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ زور ئىمكانىيەتلىرى دائىرىسىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ مىسلىسىز زۇلۇملارنى ۋە رەھىمسىز رېئاللىقنى ئۆز ئىجادىيەتلىرىدە ئەكس-ئەتتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

2019-يىللىق مۇنەۋۋەر شەخسلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان مۇسۇلمان خەۋەرلىرى مۇكاپاتى تارقىتىش پاالىيىتىدە سەنئەتكار ۋە سىياسىي پائالىيەتچى رەھىمە ماخمۇت خانىم لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خان بىلەن بىللە.
2019-يىللىق مۇنەۋۋەر شەخسلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان مۇسۇلمان خەۋەرلىرى مۇكاپاتى تارقىتىش پاالىيىتىدە سەنئەتكار ۋە سىياسىي پائالىيەتچى رەھىمە ماخمۇت خانىم لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خان بىلەن بىللە.
Rehime Maxmut teminligen

«ئىشەنگىن، ھامان ئازادلىق تېڭى ئاتىدۇ. . . !» دەيدۇ قازاقىستانلىق ياش ئۇيغۇر رەسسام گۈلناز تۇرسۇن ئۆزىنىڭ مەزكۇر تېمىدىكى بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئوراپ ئالغان چارەسىزلىكنى ئىپادىلەشتىن كۆرە، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىدىن تېخىمۇ پەخىرلىنىشكە، ئۆزىگە ئىشىنىشكە ۋە كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراشقا چاقىرىۋاتقان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس. شۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ يارقىن رەڭلىرى، ئاددىي ئەمما گۈزەل سىزىقلىرى بىلەن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبىدە ئىشەنچ ئويغىتىۋاتقان، ئەسەرلىرىدە ھۆرلۈك چىللاۋاتقان، ئازادلىق تېڭىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىۋاتقان ياش رەسسام گۈلناز تۇرسۇندۇر.

ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى رەسىم ئىجادىيىتى ھەققىدە سورالغان سوئاللىرىمىزغا چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن جاۋاب بەرگەن رەسسام گۈلناز تۇرسۇن مۇنداق دەيدۇ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى ۋە دەرد-ئەلەملەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن سىزىلغان كۆپلىگەن رەسىملەر تارقىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل رەسىملەردە پۇت-قوللىرى كىشەنلەنگەن، ئىنتايىن چارەسىز قالغان، پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئىپادە قىلىنىۋاتىدۇ. مەن ئويلايمەن، بۇ خىل رەسىملەر گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سەنئەت ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مەلۇم رول ئوينىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە نىسبەتەن ئامالسىزلىقنىڭ ھەم چارەسىزلىكنىڭ ئاچچىق رېئاللىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۆزلىرىگە تەتۈر قارىۋالغانلىقىدىن، ھېچكىمنىڭ ياردەم قولىنى سۇنمايۋاتقانلىقىدىن ئازابلىنىدۇ. چارەسىزلىك ئۈستىگە چارەسىزلىك قوشىدۇ. . . مەن ئويلايمەنكى، بىر شەخس ئۆزىگە ئۆزى ئىگە چىققاندىلا، ئاندىن ئۆز قىيىنچىلىقلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ، ھاياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر مىللەتمۇ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە چىققاندا، ئۆزىگە ئۆزى ئىشەنگەندە، ئاندىن ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭەلەيدۇ، ئۆزىگە ئىشەنچ تۇغۇلىدۇ. ھەرقانداق بىر غەلىبە ئىشەنچىدىن باشلىنىدۇ. شۇڭا مەن كېيىنكى مەزگىللەردە سىزغان رەسىملىرىمدە ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلايدىغان، ئۇلارغا كەلگۈسىنىڭ چوقۇم پارلاق بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغان رەسىملەرنى سىزدىم. قىسقىسى، ئۇلارغا ئۆز رەسىملىرىم ئارقىلىق: ‹ئىشەنگىن، ئازادلىق تېڭى ھامان ئاتىدۇ! › دەپ خىتاب قىلدىم.»

شۆھرەت تۇرسۇن ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان كۆپ قىرلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇنداپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە كەڭ كۆلەمدە تور يېيىۋاتقان 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى شۆھرەت تۇرسۇن ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ يوپۇقىنى ئاچقان. ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى سەنئەت ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشتا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرىغا ئىگە بىر خەلق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

شۆھرەت تۇرسۇن «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ۋەتىنىمىزنى قانغا بوياۋاتقان، خەلقىمىزگە مىسلىسىز ئېغىر زۇلۇملارنى سېلىۋاتقان، دىنىمىزنى چەكلەپ، تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە سەنئىتىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، سەنئەتكارلىرىمىزنى يوق قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە، بىز ئەجدادلارنىڭ يۈزىنى يورۇق، ئەۋلادلارنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلىش ئۆزئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىشقا تىرىشتۇق. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ‹ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى› نى قۇرۇپ چىقتۇق.»

شۆھرەت تۇرسۇن نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالدا ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەتەندە خەلقىمىزگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر زۇلۇملار ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنىلا ئەمەس، ھەتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ روھىي جەھەتتىن قاتتىق ئازابلىدى، ھەممىمىزدە مىسلىسىز دەرىجىدە بېسىم ۋە چۈشكۈنلۈك پەيدا قىلدى. خۇدايىم، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق خەلقىمىزگە ئۈمىد ۋە بىرلىك ئاتا قىلسۇن، بىزنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا نېسىپ ئەيلىسۇن! . . .»

رەھىمە مەخمۇت خانىم 20 يىلدىن بۇيان ئەنگلىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى. ناخشا-مۇزىكا سەنئىتى ئۇنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى»، «ئەنگلىيە يىپەك يولى ئانسامبىلى» قاتارلىق سەنئەت مۇنبەرلىرىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا غايەت زور تۇتقۇنغا تور سېلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا بەند قىلغاندىن كېيىن، رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۇيغۇر سەنئىتىنى قورال قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.

«بىر مىللەت ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى تونۇپ يەتكەندىلا، ئاسارەتتە قالغان ۋەتىنىنىڭ ھامان بىر كۈنى ھۆرلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندىلا، شۇنداقلا ئاشۇ خىل ئۈمىدنى قورال قىلىپ كۈرەشتىن ۋاز كەچمىگەندىلا، ئاندىن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ،» دەيدۇ، رەھىمە مەخمۇت خانىم زىيارىتىمىز ئەسناسىدا. ئۇ بۇ سۆزلىرىنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقىمىزدە بىر سۆز بار، ئۇ بولسىمۇ ‹ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى! › مەن بۇ سۆزنى دائىم تەكرارلايمەن. بىزنىڭ سەنئىتىمىزمۇ بىزگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. شۇڭا مەن سەنئەت ئارقىلىق بۇ ئېغىر كۈنلەردە خەلقىمىزگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېرىشكە تىرىشتىم.»

«ناخشا-مۇزىكا قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان بىر قورالدۇر»

«ناخشا-مۇزىكا مەن ئۈچۈن قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان بىر قورالدۇر» دەيدۇ رەھىمە مەخمۇت خانىم زىيارىتىمىز ئەسناسىدا. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن 22 يىل ئىلگىرى ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئەنگلىيەگە كەلگەن چاغدىكى ھېسسىياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەن 2000-يىلى ئوقۇش ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىگە كەلدىم. شۇندىن باشلاپ مېنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىم باشلاندى. ئايرودرومدىن مەكتەپكە بارغۇچە يولدا تاكسى شوپۇرىغا خەلقىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ئىدىم. ئۇ چاغلاردىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇملىرى ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىدى، ئەمما بۇ زۇلۇملارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ بۈگۈنكىدەك ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىشىنى ھېچ تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدىم. شەخسەن ئۆزۈمنىڭمۇ ۋەتەندىن شۇ ئايرىلغانچە ئىككىنچى قايتالمايدىغانلىقىمنى، كېيىنكى ھاياتىمنى چەتئەللەردە ياشايدىغانلىقىمنى ھېچ ئويلىمىغان ئىدىم.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئەنگلىيەگە كەلگەن دەسلەپكى چاغلىرىمدىلا ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر كۆزنەك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئىدىم. 2002-يىلى ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ لوندونغا كۆچۈپ كەلدىم. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان راچېل ھاررىس (Rachel Harris) خانىم بىلەن تونۇشتۇم. ئارقىدىن لوندوندىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىشىپ كىچىك بىر مۇزىكا ئۆمىكى تەشكىللەشنى قارار قىلدۇق. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 2004-يىلى ‹لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى› قۇرۇلدى. شۇندىن باشلاپ بىز لوندوندا ۋە ئەنگلىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە، ئىرېلاندىيە، ئىتالىيە قاتارلىق باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە نۇرغۇن كونسېرتلارنى قويدۇق. ھەر قېتىمقى كونسېرتتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلىگەندىن كېيىن، مەن ئېيتماقچى بولغان بىر ئۇيغۇرچە ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ، تاماشىبىنلارغا تونۇشتۇراتتىم، ئاندىن ناخشىنى ئېيتاتتىم. بۇنىڭ تەسىرى تولىمۇ ياخشى بولدى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرەر ئۇنىۋېرسىتېتتا ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا لېكسىيە بەرگەندە ئاڭلايدىغان ئادەملەر چەكلىك بولاتتى، ئەمما بىز كونسېرت قويساق ياكى ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزسەك يۈزلەرچە، ھەتتا مىڭلارچە كىشى ئاڭلايتتى. شۇ پۇرسەتتە بىز ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى ئارقىلىق ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئاڭلىتىپ كەلدۇق. مەن بۇ جەرياندا سەنئەتنىڭ بىر خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشتىكى ئەڭ ياخشى قورال ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.»

شۆھرەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرى بويىچە يۇقىرى ماھارەت يېتىلدۈرگەن كەسپىي بىر سەنئەتكار. ئەمما ئۇ 1999-يىلى ئاۋسترالىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، ياشاش ئۈچۈن نۇرغۇن كەسىپ ۋە تۈرلۈك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولغان، ئۆي-جاي قۇرۇلۇشى ۋە بىناكارلىق كەسپىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدىمۇ ئىشلىگەن. ھالبۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي بىر سەنئەتكار، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا ساھەدىكى يۇقىرى ماھارەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆز زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمىغان.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاۋسترالىيەگە كەلگەندىن كېيىن ھەممە ئىشنى قىلىپ باقتىم، ئۆي-جاي ياساشنى ئۆگەندىم، بىناكارلىقنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە لايغا مىلىنىپ يۈرۈپ ئىشلىدىم، تامچىلىق، لايچىلىق، بېزەكچىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىم، ئەمما ئۆزۈمنىڭ بىر كەسپىي سەنئەتكار ئىكەنلىكىمنى، سەنئەتتىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك قورال ئارقىلىق يىراقتىكى مەزلۇم خەلقىم ۋە ۋەتىنىم ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئەسلا ئېسىمدىن چىقارمىدىم. شۇڭا چەتئەل ھاياتىدا ئۆز كەسپىمگە قايتىش، بۇ ساھەدە تونۇلۇش ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىللىك جاپالىق جەريانلارنى باشتىن كەچۈردۈم. ئاخىرىدا ‹ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى› نى قۇرۇپ، چەتئەللەردە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنى ياڭرىتىشقا، سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن تارتىپ ھەممىسى سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ كەلگەن، شۇنداقلا مۇزىكا ساھەسىدىكى ئۇستا سازەندىلەردىن ئىدى. مەنمۇ كىچىكىمدىن باشلاپمۇ قويۇق سەنئەت مۇھىتىدا ئۆسۈپ-يېتىلدىم. سەنئەتنى ھاياتىمنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ بىلدىم. شۇ سەۋەبتىن مەن ئۈچۈن سەنئەتتىن ئايرىلىپ ياشاش خۇددى بېلىق سۇدىن ئايرىلغاندەكلا بىر قىيىن ئىش. شۇ سەۋەبتىن چەتئەل ھاياتىمدا ئۆمۈرلۈك يولۇم بولغان سەنئەتكە قايتىش ئۈچۈن نۇرغۇن يىللار ئېغىر بەدەل تۆلىدىم. بەزىدە ‹ۋەتەندىكى خەلقىمدىن ئايرىلىپ چەتئەلدە قانداقمۇ ئۇيغۇر سەنئىتىنى داۋاملاشتۇرىمەن؟› دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان ۋاقىتلار بولدى، ئەمما ھەرگىز ۋاز كەچمىدىم. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ مەزگىللىرىدە ياشاۋاتقان بۈگۈنكىدەك قىيىن كۈنلەردە، كىملىكىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى سەنئەت ئارقىلىق تېخىمۇ جانلىق ئىپادە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم.»

گۈلناز تۇرسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ مىللىي توپلۇقى ياشايدىغان قازاقىستاندا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بايسېيىت رايونىدا، قويۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدا چوڭ بولغان. كىچىكىدە دادىسىنىڭ تەسىرى بىلەن رەسىم سەنئىتىنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپى قىلىپ تاللىۋالغان گۈلناز، يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ رەسىم تېمىلىرىنى ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر رېئاللىق بىلەن زىچ باغلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ: «مېنىڭ رەسىمگە، گۈزەل سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىمنى ۋە مۇھەببىتىمنى دادام ئويغاتقان. دادام مېنىڭ بىرىنچى ئۇستازىم. بۈگۈنكى كۈندە مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ئادەم نېمىگە ئىشەنسە، ھاياتىدا شۇنى كۆرىدۇ. ئەگەر بىز زۇلۇمغا ئىشەنسەك، ھاياتىمىز زۇلۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ. شەخسەن مەن ئازاد ۋەتىنىمىزنى كۆرمىگەن، مېنىڭ دادام ۋە بوۋىلىرىممۇ ئازاد ۋە ھۆر ۋەتىمىزنى كۆرۈپ باقمىدى ھەم ياشىمىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، زۇلۇم ۋە ئەركسىزلىك بىزنىڭ قان-قېنىمىزغا سىڭىپ كەتتى. زۇلۇم ئۇزۇنغىچە داۋام قىلسا، ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ئۈمىد ۋە يورۇقلۇقلار غايىب بولىدۇ. شۇڭا مەن رەسىملىرىم ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ روھىيىتىنى ئويغىتىشقا، زۇلۇمنىڭ مەڭگۈلۈك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە، بىر تامچە بولسىمۇ خەلقىمىزگە ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە جاسارەت بېغىشلاشقا، ئازادلىق تېڭىنىڭ ھامان يورۇيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە چاقىرىشنى مەقسەت قىلدىم.»

رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مىللىي مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئەڭ جانلىق ئۇسۇلدا ئىپادە قىلىپ بېرەلەيدىغان بىر قورال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ھېچ بىر يەر ئىنساننىڭ ئۆز ئۆيىگە ۋە ئۆز ۋەتىنىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنى ھېچنەرسىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مېنىڭ ئائىلەم بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلگىلى بەش يىل بولدى، ھازىر مەن ھەتتا ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ چىرايىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، ئەمما بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مۇزىكا مەن ئۈچۈن قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان بىر قورالدۇر.»

خۇددى رەھىمە مەخمۇت خانىمغا ئوخشاشلا قازاقىستانلىق ياش رەسسام گۈلناز تۇرسۇنمۇ سەنئەتنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىگە ۋە چەكسىز مەنە مۇمكىنچىلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئويلايمەنكى، بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا ھەر بىر كەسىپ ئىگىسى ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشى كېرەك. ھەر بىر كەسىپ ئىگىسى ئۆز كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، خەلقىمىزگە ئۈمىد، مەدەت ۋە ئىلھام بېرەلەيدىغان، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىشەنچكە يېتەكلەيدىغان ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك. شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن بىر رەسسام بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز رەسىملىرىم ئارقىلىق خەلقىمىزگە، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان رەسىملەرنى سىزىۋاتىمەن. رەسىملىرىمنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئۈزلۈكسىز تارقىتىپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ پەخىرلىنىشىگە سۇنۇۋاتىمەن. مانا بۇ مەن تاللىغان ۋە قىلالايدىغان يول، يەنى رەسىم سەنئىتى ئارقىلىق خەلقىمگە كۈچ ۋە ئىشەنچ بېرىش يولى.»

«كۆك ئاسمىنىمىزدا قۇياش پارلايدىغان كۈنلىرىمىز كېلىدۇ!»

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر (1923-1995) 1940-يىللاردا يازغان «باھار چىللايمەن» ناملىق شېئىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىققا ۋە ئەركىنلىككە بولغان چەكسىز تەلپۈنۈشلىرىنى مۇنۇ مىسرالار ئارقىلىق ئىپادە قىلغان ئىدى:

نە تاقىتىم بار، نە سەۋرىم ئەمدى،

قايناق بىر قازان يۈرىكىم ئەمدى.

گويا بىر ۋولقان تىلىكىم ئەمدى،

شۇ ۋولقانىمدىن باھار چىللايمەن.

شۇنى كۈيلەيمەن زىمىستاندىمۇ،

تىلىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ،

كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ،

ئىسسىق قېنىمدىن باھار چىللايمەن!

ئارىدىن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن ۋاقىت ئۆتكەن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى يەنىمۇ كۈچىيىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەرىجىسىگە يەتكەن بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق خەلقى ئۈچۈن يەنىلا «باھار چىللىماقتا».

رەسسام گۈلناز تۇرسۇن ئۆزىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، «باھار» ۋە «كېلەچەكتىكى ئازاد ۋەتىنىمنىڭ ئوماق بالىسى» ناملىق رەسىملىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا «باھار» ناملىق رەسىمى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەسىرىمگە ‹باھار› دەپ نام بەردىم. بۇ رەسىمدە ئىپادە قىلماقچى بولغىنىم شۇكى، ھامان بىر كۈنى ئاسمىنىمىزدىكى قارا بۇلۇتلار تارقىلىپ قۇياش پارلاپ چىقىدىغان كۈنلىرىمىز كېلىدۇ؛ قۇشلىرىمىز ئەركىن-ئازادە ۋە ئېگىز-ئېگىز ئۇچىدىغان ۋاقىتلىرىمىز كېلىدۇ؛ باغلىرىمىزدىكى دەرەخلىرىمىز چېچەكلەپ، مېۋىسىنى يەيدىغان زامانىمىز كېلىدۇ، دېگەن بىر ئۇچۇرنى بېرىشنى مەقسەت قىلدىم. قىسقىسى، ياش كۆرۈرمەنلىرىمىزگە كۆك ئاسمان ئاستىدا ھۈپپىدە ئېچىلغان چېچەكلەرنى پۇراپ تۇرغان دوپپىلىق بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ رەسىمى ئارقىلىق ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېرىشنى ئويلىدىم.»

ئەنگلىيەدىكى ناخشىچى رەھىمە مەخمۇت خانىممۇ ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن كونسېرتلىرىدا «لېۋەن يارلار» ناملىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىنى كۆپ قېتىم ئورۇندىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەنگلىيەدە ۋە باشقا مەملىكەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرتلاردا مەن ئەڭ كۆپ ئېيتقان ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى-‹لېۋەن يارلار› دېگەن ناخشىدۇر. چۈنكى بۇ ناخشا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئىچىدىكى سىمۋوللۇق خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھۆرلۈككە بولغان تەلپۈنۈش چوڭقۇر ئەكس ئەتكەن، ئاممىبابلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ناخشا ھېسابلىنىدۇ. مەن ھەر قېتىم بۇ ناخشىنى ئېيتىشتىن ئىلگىرى تېكىستىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئالدى بىلەن ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشەندۈرەتتىم، ئاندىن ناخشىنى ئېيتاتتىم. مەسىلەن، ناخشا تېكىستىدىكى ‹تاغلاردىن ئورۇن ئالدۇق، باغلاردىن ئورۇن تەگمەي، كۆرگەن كۈنىمىز مۇشۇ، دۈشمەنگە بويۇن ئەگمەي. . . › دېگەن مىسرالار بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئىنتايىن ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەتتى. چۈنكى بۇ ناخشىنىڭ تېكىستى تارىختا خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي، ئۇلارغا باش ئېگىپ ياشاشقا رازى بولماي ئەركىنلىك ئىزدەپ ياقا يۇرتلارغا مۇساپىر بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى مەزمۇن قىلغان ئىدى. شۇڭا مەن بۇ ناخشىنى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان سىمۋوللۇق ناخشا دەپ قاراپ، كۆپ قېتىم ئېيتتىم. قىسقىسى، مەن ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، رېئاللىقى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى ئىپادە قىلىدىغان بىر ۋاسىتە دەپ قاراپ كەلدىم.»

شۆھرەت تۇرسۇن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەلدە ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ كېلىۋاتقان سەنئەتكاردۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە تور يايغان، يۇقىرى تېخنىكالىق تەقىب سىستېمىسى ئارقىلىق رايوننى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» كە ئايلاندۇرغان، مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى لاگېرلارغا قاماۋاتقان 2018-يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا، ئۇ سىدنېيدىكى رىۋېرسايد (Riverside) تىياتېرىدا ياڭراق ئاۋازى بىلەن «راك مۇقامى» نى ئورۇنداپ، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام فېستىۋالى» نىڭ پەردىسىنى ئاچقان ئىدى.

ئۇ مۇقام سادالىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلگەن مۇقام سەنئىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىرگە ياشىتىشقا بەل باغلىغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى بۇ داڭلىق تىياتىردا تۇنجى قېتىم ئورۇندىلىشى ئىدى. شۆھرەت تۇرسۇن ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە ناخشا-مۇزىكا سەنئىتى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: «مۇمكىن بولسا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر سەنئىتى، چالغۇ ئەسۋابلىرى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرسام، ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ۋە مۇزىكا مەدەنىيىتىمىزنىڭ ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقسام دەپ ئارزۇ قىلىمەن. بۈگۈنكى قىيىن كۈنلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك خىزمەت قىلالىسام دەيمەن.»

«كېلەچەكتىكى ئازاد ۋەتىنىمنىڭ ئوماق بالىسى» ناملىق رەسىم، رەسسام گۈلناز تۇرسۇننىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە سىزغان ۋە كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلگەن ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ بۇ رەسىمدە ئويۇنچۇق ئويناۋاتقان ئىككى بالىنىڭ لېگودىن ‹ئويغان روھ› دېگەن ئىككى سۆزنى تىزىپ چىقىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سىزغان. رەسىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئۇيغۇر تارىخىدىكى جەڭگىۋار كۆرۈنۈشلەر ئۇستىلىق بىلەن قىستۇرۇلغان. ئۇ بۇ رەسىمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تارىخقا قىزىقىمەن، تارىخ سەھىپىلىرىدىن مىللىتىمىزنىڭ روھىنى ئىزدەيمەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ئېغىر زۇلۇملار تارىختىكى تۇنجى زۇلۇملار ئەمەس، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تارىخىدا كۆپ قېتىم تاجاۋۇزغا، مەھكۇملۇققا ۋە باستۇرۇشلارغا ئۇچرىغان، ئەمما ئۇيغۇر ئەجدادلىرى قانلىق كۈرەشلەر ئارقىلىق ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغان، قانچىلىغان دۆلەتلەرنى قۇرغان ۋاقىتلىرى بولغان. شۇڭا تارىخ بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدۇ، روھ بېرىدۇ. تارىختىكى شانلىق سەھىپىلىرىمىزنى ئەسلىسەك، بۈگۈنكى چەرەسىزلىكىمىز ۋە ئامالسىزلىقىمىزغا بويۇن ئېگىپ ئولتۇرۇشقا ھېچ ئورۇن قالمايدۇ. شۇڭا تارىخ بىزگە مەسئۇلىيىتىمىزنى ۋە بۇرچىمىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ‹بىزگە ئىگە چىق! › دەپ باشقىلارغا يىغلىغاندىن كۆرە، ‹ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە چىقايلى› دېگەن غەيرەتكە باشلاپ ماڭىدۇ. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن رەسىملىرىمگە تارىخىي سىمۋوللارنى قوشۇپ سىزىمەن.»

2017: «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» تىن «ھۆرلۈك ئۈچۈن سەنئەت» كە

2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور تۇتقۇننىڭ پەردىسىنى يايغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر يازغۇچى-سەنئەتكارلىرىمۇ ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسىنى ئىلگىرىكى «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» تىن «ھۆرلۈك ئۈچۈن سەنئەت» كە يۆتكىدى. ئۇلار سەنئەتتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكۈر بەدىئىي قورالدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان دەھشەتلىك رېئاللىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا بەل باغلىدى.

ئەنگلىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ۋە سەنئەتكار رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۆزىنىڭ 2016-يىلىدىن كېيىنكى ناخشا تېمىلىرىدا روشەن بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىر سەنئەتكارلا ئەمەس، بەلكى كەسكىن بىر سىياسىي پائالىيەتچىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«ھېچكىم تۇغۇلۇشىدىلا سىياسىي پائالىيەتچى بولىمەن دەپ تۇغۇلمىغان» -دەيدۇ ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا «مەن ئەنگلىيەگە كەلگىلى 20 يىلدىن ئاشتى. دەسلەپكى يىللاردا ۋەتىنىمگە، ئائىلەمگە قايتىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما كېيىنكى رېئاللىق ھەممىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئوقۇشنى، سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان مەندەك بىر ئايال ئاخىرى بىر سىياسىي پائالىيەتچىگە ئايلاندىم. بولۇپمۇ 2016-يىلىدىن كېيىن، بىر تەرەپتىن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنى قورال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن بىر سىياسىي پائالىيەتچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتىم. مەۋجۇت رېئاللىقىمىز مېنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلدى. ۋەتەندە زۇلۇم قانچىلىك كۈچەيگەنسېرى، بىزنىڭ خەلقىمىزگە بولغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ئەركىن دۇنيادا ئاۋازسىز خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش مەجبۇرىيىتىمىز شۇنچىلىك كۈچەيدى. 2017-يىلىدىن كېيىن مېنىڭ ناخشىلىرىمنىڭ تېمىسىمۇ روشەن ئۆزگىرىش بولدى، يەنى ئىلگىرىكى ئۇنىۋېرسال تېمىلاردىكى ناخشىلارنى ئېيتىشتىن كۆپرەك ۋەتەن تېمىسىدىكى ناخشىلارنى ئېيتىشقا يۈزلەندىم. ئۆزۈممۇ كۆپرەك ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي دەۋا يولىدىكى پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلدىم.»

رەسسام گۈلناز تۇرسۇنمۇ 2017-يىلىدىن بۇيانقى يېقىنقى 5 يىل جەرياندا ئۆزىنىڭ رەسىم ئىجادىيىتىنىڭ تېمىلىرىدا روشەن بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى، ئىلگىرىكى تۇرمۇش تېمىسىدىكى تۈرلۈك رەسىملەرنى سىزىشتىن تارىخ بىلەن بۈگۈن تۇتاشتۇرۇلغان، ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلايدىغان رەسىملەرنى سىزىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ: «ئاخىرقى يىللاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ۋە پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنى ئەكس-ئەتتۈرىدىغان رەسىم ۋە سىزمىلار كۆپىيىپ كەتتى. بۇ خىل رەسىملەر گەرچە باشقا مىللەتلەرگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملارنى ئاڭلىتىشتا مەلۇم رولى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە چارەسىزلىك ۋە ئامالسىزلىقنىڭ ئاچچىق ھەسرىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مەيلى سەنئەت ساھەسى ياكى باشقا كەسپىي ساھەلەردە بولسۇن، ھازىرقى ۋاقىتتا بىزنىڭ خەلقىمىزگە بېرىدىغان ئۇچۇرىمىز ھەرگىزمۇ چارەسىزلىك ياكى ئامالسىزلىق تېمىسى بولماسلىقى كېرەك. بىزگە بۈگۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى خەلقىمىزگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېرىدىغان ئەسەرلەردۇر. شۇڭا مەن يېقىندىن بۇيان ئىجادىيىتىمنىڭ تېمىسىنى كۆپرەك ئۈمىدۋارلىق تەرەپكە قاراپ يۈزلەندۈردۈم. مەن ئويلايمەنكى، سىزغان رەسىملىرىم ئارقىلىق ئەگەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە ئىشەنچ ئوتىنى ياقالىسام، بۇ مېنىڭ زور نەتىجەمدۇر. چۈنكى بۈگۈنكىدەك ئەڭ قاراڭغۇ كۈنلەردە قەلبىدە ئىشەنچ ئوتى يانغان شۇ ئۇيغۇر كەلگۈسىدە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا بۇ ئوتنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى يورۇتىدۇ. مانا بۇ سەنئەتكارنىڭ ۋىجدانىي بۇرچىدۇر.»

خۇلاسە: كەسپىي مەجبۇرىيەتتىن ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتكىچە

خىتاي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى كۈزدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى شىددەت بىلەن كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ كۆلىمىنى مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭەيتكەن. بۇ جەرياندا، ئۇيغۇر تىلى ئاساسىي مائارىپتىن ئالىي مائارىپقىچە بولغان بارلىق ساھەلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، ئۇيغۇرلۇقنىڭ ھەممە ئېلېمېنتلىرى «جىنايەتلەشتۈرۈلگەن». 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 1 مىليون 800 مىڭدىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى مەلۇم.

شۇنىڭدىن باشلاپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئاساس قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى. نەتىجىدە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 8 غەرب دۆلىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قەبىھ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ رەسمىي جاكارلىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» داۋام قىلىۋاتقان، خەلقئارادا خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا چەك قويۇش، خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي ۋە سودا ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش، رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا قولى بار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش چۇقانلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى سەنئەتنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئۈمىدكە، جاسارەتكە ۋە ئىشەنچكە چاقىرماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى كەسپىي مەجبۇرىيەت دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ، دەۋرنىڭ ۋىجدانى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشماقتا.

خىتاينىڭ 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بەشىنچى يىلىغا قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇقام كۈيلىرى، ناخشا-مۇزىكىلىرى، ئاۋامنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلاشقان سەنئەت شەكىللىرى، شۇنداقلا ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى سىزىش سەنئىتى ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك رېئاللىقنى دۇنياغا ئاڭلاتماقتا. ئۇلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان سەنئەت ئىجادىيەتلىرى نوقۇل كۈي-ئاھاڭ، ناخشا-مۇزىكا ياكى سىزىش-بوياش سەنئىتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارغا، ئەركىنلىككە ۋە ئازادلىققا بولغان تەشنالىقىنىڭ سەنئەت يۈكسەكلىكىدىكى ئىپادىسىدۇر.

***مەزكۇر پروگراممىغا ئالاھىدە ھەمكارلاشقۇچىلار: گۈلچېھرە خوجا، نۇرىمان ئابدۇرېشىت

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.