رەسسام گۈلناز تۇرسۇن: «مەن خەلقىمنىڭ قەلبىدە ئازادلىققا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى ئىستەيمەن»

مۇخبىرىمىز جۈمە
2022.04.08
رەسسام گۈلناز تۇرسۇن: «مەن خەلقىمنىڭ قەلبىدە ئازادلىققا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى ئىستەيمەن» قازاقىستاندا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش ئۇيغۇر رەسسام گۈلناز تۇرسۇن خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.
Photo: RFA

ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا قازاقىستاندا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش ئۇيغۇر رەسسام گۈلناز تۇرسۇن خانىمنىڭ سەنئەت قارىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە 2017-يىلىدىن كېيىن كۆرۈنگەن ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئىشلەنگەن پروگراممىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغان ئىدۇق. بۈگۈن گۈلناز تۇرسۇن خانىم بىلەن ئۇنىڭ يېقىنقى بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ سىزىلىش سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ بۇ ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنلار ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. رەسسام سۆھبەت جەريانىدا ئەسەرلىرىدىكى رەڭلەر ۋە بەزى سىمۋوللۇق ئېلېمېنتلار ھەققىدە توختالدى.

قازاقىستاندا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش ئۇيغۇر رەسسام گۈلناز تۇرسۇن خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئازادلىققا بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى ئىستەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بالىلىرىمىزغا بىزنىڭ چارەسىز قالغانلىقىمىزنى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىزگە ياردەم قىلماي تەتۈر قارىۋالغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تارىختا قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەلەرنى قۇرغان ئۇلۇغ خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قىيىن كۈنلەرنى ئاتلىتىپ، ھۆر بولىدىغان كەلگۈسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇيغۇزۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.»

قازاقىستاندا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش ئۇيغۇر رەسسام گۈلناز تۇرسۇن خانىمنىڭ ئىجادىيىتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.