ئۆتكەن ھەپتە ۋېنگرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۇيغۇر، ۋېنگرىيەلىك ۋە ياپونىيەلىك پائالىيەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ياپونىيە–ۋېنگرىيە–ئۇيغۇر ئىتتىپاقى نامىدا يېڭى بىر ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرغان.
«ئۇيغۇر تايمىس» نىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش نىزامنامىسىغا ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرى رەئىسى ئۈمىت خەمىت، دۇنيا ۋېنگرىيەلىكلەر ئىتتىپاقىنىڭ رايونلۇق رەئىسى ئىشتۋان نىمرود خورۋات (István Nimród Horváth) ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى تاكاشى ساتو (Takashi Sato) ئىمزا قويغان.
نىزامنامىدا ئۈچ تەرەپنىڭ ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم بىرلەشمە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈشكە تىرىشىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر تەشكىلات 20–21-نويابىر كۈنلىرى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن «قېرىنداشلار» نامىدىكى ئۇيغۇر–ۋېنگرىيە خەلقئارالىق يىغىنىدىن كېيىن قۇرۇلغان.
ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرى بىلەن دۇنيا ۋېنگرىيەلىكلەر ئىتتىپاقى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار بىلەن ۋېنگرىيەلىكلەرنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋىتى، ئىككى مىللەتنىڭ تىل جەھەتتىكى باغلىنىشى، شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئۈمىت خەمىتنىڭ «ئۇيغۇر تايمىس» قا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىدىغان ھەرقانداق شەخس، تەشكىلات ۋە دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىدىكەن.
ھازىرچە بۇ يېڭى ئىتتىپاق ئۈچ ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىق سۇپىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كېلەچەكتە قانداق كونكرېت پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە ۋېنگرىيە ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ ئىتتىپاققا قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.
